تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قەشقەردىكى ھازىر بار بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نۆللەشتى

كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 34 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئەڭ ئاخىرقى تۆت ئاغرىق مىسالى دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بارلىق ئاغرىق مىساللىرى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. شۇ كۈنى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 34 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىدە 33، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا بىر.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ياڭ يىنىڭ مۇنداق دېدى: ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئەڭ ئاخىرقى تۆت ئاغرىق مىسالىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا ئەگىشىپ، بىز بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بارلىق ئاغرىق مىساللىرىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملىدۇق. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، ئىلگىرىكى ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈش، بىر خىللاشقان، قېلىپلاشقان داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېنىك تىپتىكى، ئادەتتىكى تىپتىكىلەرنىڭ ئېغىر تىپقا ۋە خەتەرلىك ئېغىر تىپقا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، نەپەس باشقۇرۇش، ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنى پۈتۈن مۇساپىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 78، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 350.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى