تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پۈتۈن رايون بويىچە ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىشنى تاماملىدى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ بىنۋېي) نۆۋەتتە، شىنجاڭ پۈتۈن رايون بويىچە ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىشنى تاماملىدى، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىسىلا سويۇش-كارانتىن قىلىش، سۈپەت تەكشۈرۈش، بېقىلغان جايدا كارانتىن قىلىش ھەمدە باقمىچىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھالقىلىرىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ... بۇ شىنجاڭدىكى ھايۋانات «ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق كىنىشكىسى»نىڭ تېخىمۇ ئاقىل، ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

11-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا، شىنجاڭنىڭ ھايۋانات كارانتىن ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە سىستېمىسى V2.0 ئومۇميۈزلۈك تورغا چىقىرىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە، ھايۋانات چىقىدىغان جايدا كارانتىن قىلىش لاياقەت ئىسپاتى 711 مىڭ پارچە، كارانتىن قىلىنىدىغان چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ سانى 107 مىليون 951 مىڭ بولغان؛ ھايۋانلارنى سويۇش، كارانتىن قىلىش ئىسپاتىدىن بىر مىليون 54 مىڭ پارچە كېسىلىپ، ھايۋانات چىقىدىغان جاي كارانتىن قىلىش، سويۇش، يۆتكەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ماكانلاشتۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردا ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

يېڭىدىن چىقىرىلغان شىنجاڭ ھايۋانات كارانتىن ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە چىقىرىش سىستېمىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بېكىتىلگەن قۇشخانىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە ئەنگە ئالدۇرغان ئاپتوموبىللارنى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىگە باغلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، رايون ھالقىپ كارانتىن گۇۋاھنامىسى كېسىش، ئاپتوموبىللارنى ئەنگە ئالدۇرماي كارانتىن گۇۋاھنامىسى كېسىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، سۇپىدا يەنە ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە كارانتىن ئىسپاتى چىقىرىش ھالقىسى ئېچىلىپ، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرى ئاپتوماتىك تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر ۋاقىت تەھلىل قىلىپ، چارۋا باقمىچىلىقى، پىششىقلاش، سېتىش ئىزلىرىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.

«ئىككىلىك كودنى سىكاننېىرلاپلا، بىز ئىشلەپچىقارغان كالا، قوي مەھسۇلاتلىرىنىڭ باقمىچىلىق ئۇچۇرى، مەيدانغا كىرگەندە يۇقۇمنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرى، پۈتۈن سويۇش، پىششىقلاش، بۆلۈپ، ئوراپ-قاچىلاش قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايمىز، بۇ كالا، قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ» دېدى ئىلى فۇرۈندې دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى سۈپەت تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى چېن شياڭجۇڭ.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ سىستېما دۆلەت ھايۋانات كارانتىن سانلىق مەۇمات مەركىزى بىلەن تولۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كارانتىن ئىسپاتى بىلەن بىر گەۋدىلىك، ئېلېكترونلۇق تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ