ئۈچ ئاي ئىلگىرى، قېيىنئانام يۇرتىغا قايتتى، ئېرىم ئىككىمىز «خۇتۇن سىرتنىڭ ئىشىغا، ئەر ئۆينىڭ ئېشىغا مەسئۇل بولۇش» شەكىلدىكى ئىش تەقسىماتنى باشلىۋەتتۇق: مەن پۇل تېپىپ ئائىلەمدىكىلەرنى بېقىشقا مەسئۇل بولدۇم، ئېرىم بالىغا قاراپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا مەسئۇل بولدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم.
مەيلى «سىرتنىڭ ئىشى» ياكى «ئۆينىڭ ئىشى» بولسۇن ھەر ئىككىسى جاپالىق
مەيلى «ئەر سىرتنىڭ ئىشىغا مەسئۇل، خۇتۇن ئۆينىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولسۇن» ياكى «خۇتۇن سىرتنىڭ ئىشىغا مەسئۇل، ئەر ئۆينىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولسۇن»، كىشىلەر «كىم كۆپ جاپا تارتىدۇ» دېگەن مەسىلىدە ئۈستىدە كۆپرەك تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالغانلىقتىن، تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى شۇ ئائىلىدىكى ئەڭ جاپاكەش ئادەم دەپ قارايدۇ.
پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى باقىدىغانلار ئۆزىنى ئەڭ جاپاكەش دەپ قارايدۇ، ئۇلار: خېرىدارلارنىڭ چىرايىغا قارىمىسام بولمىغان، رەھبەرلەرنىڭ چىرايىغا قارىمىسام بولمىغان، يىغىننىڭ ئاخىرى تۈگىمىگەن، ئىشنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، مەن نېمە دېگەن جاپاكەش-ھە، دېسە. ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بالا باقىدىغانلار بولسا: يۇيۇپ تۈگىمەيدىغان قاچىلار تۇرغان، تازىلاپ تۈگىتەلمەيدىغان يەرلەر تۇرغان، يەنە قۇچاقتىن چۈشكىلى ئۇنىمايدىغان، پېشىمغا ئېسىلىپلا يۈرۈيدىغان بالام بار، مەن نېمە دېگەن جاپاكەش-ھە، دەيدۇ. ئۆيدە ئوينايدىغان رولى ۋە ئىش تەقسىماتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جاپاسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بىر-بىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىمۇ تەسكە توختايدۇ، شۇنىڭ بىلەن توقۇنۇش ۋە تالاش-تارتىش پەيدا بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بىر ئائىلىدە مەيلى كىم سىرتنىڭ ئىشىنى قىلسۇن، كىم ئۆينىڭ ئىشىنى قىلسۇن، بۇ ئائىلە نورمال يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، جاپا تارتمايدىغان تەرەپ بولمايدۇ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسىلا، جاپا تارتماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئېنېرگىيەنى سېلىشتۇرۇشقا سەرپ قىلماي، ئۆزئارا يار-يۆلەكتە بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە تۇرۇپ، ئائىلىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
«كېرەك» تەپەككۇرى ئىچكى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
«خۇتۇن سىرتنىڭ ئىشىغا مەسئۇل، ئەر ئۆينىڭ ئىشىغا مەسئۇل» ئىش تەقسىماتى ئەندىزىسىدە، ھەر ئىككى تەرەپ ئىدىيەسىدىكى بەزى چەكلىمىلەرنى يېڭىشى زۆرۈر، بولۇپمۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنداق قىلىش سەل تەسكە چۈشىشى مۇمكىن.
سىرتنىڭ ئىشىغا مەسئۇل خۇتۇن كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «مەن بەك بىچارە» دېگەن قاراشنى يېڭىشى كېرەك. مەن مەسلىھەت سوراش جەريانىدا، پۇل تېپىپ ئائىلىنى باقىدىغان نۇرغۇن ئاياللارغا يولۇقۇپ قالدىم، بۇ ئاياللاردا ئاسانلا ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىدىغان تۇيغۇغا پەيدا بولۇپ قالىدىكەن، ئۇلاردا «ئېرىم پۇل تاپالمىغاچقا، ئامالسىز مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۇل تېپىپ ئائىلىنى بېقىشقا مەجبۇر بولۇم» دېگەن ئوي پەيدا بولىدىكەن.
بۇنداق ئىدىيەدىكى ئاياللارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدا، ئىقتىسادتا ئاياللار ئەرلەرگە تايىنىشى، ئەرلەر ئاياللاردىن كۈچلۈك بولۇشى كېرەك دەپ قاراش مەۋجۇت بولىدىكەن. «كېرەك» تەپەككۇرى كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ قەلبىدە توقۇنۇش پەيدا قىلىدىكەن، چۈنكى رېئال تۇرمۇشتا ئۇ چوقۇم مۇنداق قىلىشى «كېرەك»، مەن چوقۇم ئۇنداق قىلىشىم «كېرەك» دېگەن ئىشلار بولمايدۇ. ئەر-ئاياللار باراۋەر، بىر كىم چوقۇم يەنە بىر كىمگە تايىنىش «كېرەك» دېگەن قائىدە مەۋجۇت ئەمەس.
مەيلى ئەر ياكى خوتۇن بولسۇن، بۇنداق ئىش تەقسىماتى ئەندىزىسىدە ئۆز قىممىتىنى ھېس قىلىش كېرەك، «بۇ ئۆزۈمنىڭ تاللىشى» دەپ قارىغاندىلا، قەلبىڭىزدە مەجبۇرلاش تۇيغۇسى بولمايدۇ.
جەمئىيەتتە خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۆينىڭلا ھۆددىسىدىن چىقىشنى تاللىغان ئانىلار ياكى دادىلارنىڭ قىممىتىگە قانداق ھۆكۈم قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئائىلىدە مەيلى قايسى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالايلى، چوقۇم باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۆي ئىشلىرى قىلىپ، بالا بېقىۋاتقانلارنىڭ قىممىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشىسى
ئائىلە ئىش تەقسىماتىدا مۇتلەق توغرا ئەندىزە بولمايدۇ، ھەر بىر ئائىلە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئائىلە ئىش تەقسىماتى ئەندىزىسىنى تاللىشى كېرەك.
«ئەر سىرتنىڭ ئىشىغا مەسئۇل، خۇتۇن ئۆي ئىشىغا مەسئۇل» بولسۇن، ياكى «خۇتۇن سىرتنىڭ ئىشىغا مەسئۇل، ئەر ئۆي ئىشىغا مەسئۇل» بولسۇن ۋە ياكى «ئەر-خۇتۇن ھەم سىرتنىڭ ئىشىغا ھەم ئۆينىڭ ئىشىغا مەسئۇل» بولسۇن، بۇ ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن چىقىرىلغان، ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ، توغرىسى ياكى خاتاسى بولمايدۇ.
بىزنىڭ ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەن خىزمەتنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن، خىزمەت قىلىشقا بەكرەك ماھىر، مېنىڭ كىرىمىم بىلەنلا ئائىلىنىڭ چىقىمىنى قامدىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمىتىمنىڭ ئىستىقبالىممۇ ئېرىمنىڭكىدىن پارلاق. چوڭلارنىڭ ياردىمى بولمىغان ئەھۋالدا، مەكتەپكە كىرگەن بالىنى توشۇش، تاپشۇرۇققا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۆي ئىشلىرى قىلىشقا چوقۇم بىرەيلەن مەسئۇل بولۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىز تەبىئىيلا «خۇتۇن سىرتنىڭ ئىشىغا مەسئۇل، ئەر ئۆي ئىشىغا مەسئۇل بولۇش» ئىش تەقسىماتى ئەندىزىسىنى تاللىدۇق.
بۇ بىزنىڭ ئەمەلىيىتىمىزگە ئاساسەن كېڭىشىپ، بىرلىكتە چىقارغان ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭچە ئائىلىنىڭ ئىش تەقسىماتى تۇراقسىز بولىدۇ، ئەگەر ئېرىم ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت تاپسا، ياكى بالىمىز چوڭ بولۇپ، مۇستەقىللىقى ئاشسا، ئىش تەقسىمات ئەندىزىمىزدە يەنە ئۆزگىرىش بولىدۇ.
كىم ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، كىم سىرتنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، بۇ شۇ ئائىلىدىكى ئىككى تەرەپ تاللىشىغا باغلىق. ئىككىلا تەرەپ راھەت ھېس قىلغاندىلا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئائىلە بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
(پىسخىكا مەسلىھەتچىسى مېي يا)