تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى كارخانىلار تەكشى، مۇقىم يۈرۈشتۈرۈلدى

قەشقەر ۋىلايىتىدە:

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى   كارخانىلار تەكشى، مۇقىم يۈرۈشتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ناۋايلار قەشقەر شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا نان ياقماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نەندا يېڭى يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى قاچىلاش سېخىدا، بىرنەچچە خىزمەتچى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «نۆۋەتتە شىركىتىمىزدە 200دىن كۆپرەك خىزمەتچى ئىشلەيدۇ، كۈنىگە 60 توننا سۈت مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، شۇ كۈنى ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنى شۇ كۈنى سېتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەمۇرىيەت - كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ تاڭجۈەن.

كوناشەھەر ناھىيەسىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى سانائەت كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە نورمال ئىشلەپچىقىرىپ، تەكشى، مۇقىم يۈرۈشتى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگە قەدەر، قەشقەر ۋىلايىتىدە جەمئىي 748 سانائەت كارخانىسى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان، ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچى 50 مىڭدىن ئاشقان. 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى تاماملىغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئاشقان.

«بىز ئاپتونوم رايوننىڭ كۈز، قىش پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشكە مۇناسىۋەتلىك تەلىپى بويىچە، تاسادىپىي يۈزبەرگەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۆز ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق.» قەشقەر ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇاڭ لىدۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى كارخانىلارنىڭ خام ماتېرىيال ۋە مەھسۇلات توشۇش يېشىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ياخشى ئىشلىدى.

«يۇقۇم يۈزبەرگەن 2 - كۈنى، ساھەگە مەسئۇل تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ توشۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بەردى، بۇ بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئىللىتتى.» ياڭ تاڭجۈەن مۇنداق دېدى: مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، كارخانىمىزنىڭ يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە نورمال قاتناپ، خام ماتېرىيال توشۇش ھەم مەھسۇلاتلار بىلەن بازارنى ۋاقتىدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. كارخانىمىزنىڭ يۈرۈشۈش داۋامىدا ساقلانغان باشقا قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىسىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەنە كۆپ تەرەپنى ماسلاشتۇرۇپ ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بەردى. بۇ يىل يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، كارخانىمىز بەھرىمەن بولغان تۈرلۈك باج ھەققىنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش ھەم سىياسەت ياردەم تولۇقلىمىسىلا 1 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.

خېمىر يۇغۇرۇش، خۇرۇچ تەييارلاش، شەكىل چىقىرىش، ناننى تونۇرغا چاپلاش... 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەر شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئۇچىسىغا خىزمەت كىيىمى كىيگەن، ماسكا تاقىغان ناۋايلار ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئېلېكتىرلەشكەن تونۇرلار قاتار قىلىپ تىزىلغان بولۇپ، يېڭىلا تونۇردىن چىققان نانلار تونۇر يېنىغا رەتلىك تىزىپ قويۇلغانىدى، مەززىلىك پۇراقلار دىماققا ئۇرۇلاتتى.

«بىز ھەركۈنى 100 مىڭ نان ياقالايمىز، قەشقەر شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئىدارە، مەھەللىلەرگە ساتىمىز.» قەشقەر شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ مەسئۇلى لۈ يۈەنخۇڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بۇ كەسىپلەر باغچىسىدىكى 300دىن ئارتۇق ناۋاي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، تۈرلۈك نان مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. كەسىپلەر باغچىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەلەپ بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورناتتى ھەم ئۇنى قاتتىق ئىجرا قىلدى، بىر تەرەپتىن، خىزمەتچىلەرگە قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى ۋاقتىدا ئېلىپ باردى، كۈندە ئۈچ قېتىم تېمپېراتۇرا ئۆلچىدى، خىزمەتچىلەر ئاشخانىسى، ياتىقى قاتارلىقلارغا بولغان دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى قاتتىق ئېلىپ باردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىنى كۈندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خادىملىرى چوقۇم مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ھەم تەقسىملەپ يەتكۈزۈش پۈتۈن جەريانىدا بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق خاتىرىسى، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز.» خۇاڭ لىدۇڭ مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ۋە زاپاس ساقلىشىغا ماسلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىز قوغلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى