تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى جەمئىي 100دىن ئاشتى

11- ئاينىڭ 12- كۈنى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن بەشى يېڭىدىن كۆپەيدى  كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 24 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى

تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى جەمئىي 100دىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بەش ئاغرىق مىسالى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 24 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىدە 22، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئىككى. ھازىرغىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 42 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 108 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لۇ چېن مۇنداق تونۇشتۇردى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى جەمئىي 100دىن ئاشتى، بۇ، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھەم بارلىق تېببىي خادىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، ئايرىپ كۆزىتىش تەدبىرلىرىنىڭ تەرتىپلىك بولغانلىقىنى، مۇئەييەن نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا بالدۇر ئارىلىشىش، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش ھەم قاتتىق كۆزىتىپ ئۆلچەش ئارقىلىق، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلارغا تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىندى. كېيىنكى قەدەمدە بىز مۇشۇ ئاساستا «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 8-نۇسخىسى)»گە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئاغرىقلارغا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا پۈتۈن داۋالاش باسقۇچى بويىچە ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتنىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى كۆزىتىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەربىر ئاغرىقنىڭ بالدۇرراق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى