تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كەنتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ياشلار زەربىدارلار ئەترىتى بار

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى مۇش يېزىسى شەرەكسېيى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ياشلار زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى ما فېي (سولدىن 2-كىشى) خىزمەتدىشى بىلەن كەنتتىكى باقمىچىلارغا يەم-خەشەك ئاپىرىپ بەرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ھەبىبە، ئايشەمگۈل ئابلا، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): «تۇرسۇن ئاكا، كۈنجۈرە ۋە كېپەك ئېلىپ كەلدۇق.» 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى مۇش يېزىسى شەرەكسېيى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ياشلار زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى 27 ياشلىق ما فېي ئەترەت ئەزاسى جېڭ يۈمىن بىلەن كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنئەلى ساۋۇتنىڭ ئۆيىدە، كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىدى.

  قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئومۇمىي نوپۇسى 476 ئادەم بولغان شەرەكسېيى كەنتىدە پىدائىي بولۇشقا تىزىملاتقانلار يۈزگە يېقىنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ياشلار ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلىدى.

  «بىز بۇنىڭ ئىچىدىن 30 كەنت ئاھالىسىنى تاللاپ پىدائىيلار قوشۇنى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 90-يىللاردا تۇغۇلغان 10 ياشنى بىر ياشلار زەربىدارلار ئەترىتى قىلىپ تەشكىللەپ، ئۇلارغا ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش، چارلاش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغۇزدۇق.» دېدى ما فېي.

  ياشلار زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇلغان شۇ كۈنى، ما فېي ئەزالارنى ئىككىگە بۆلدى، بىرى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشكە مەسئۇل بولدى، يەنە بىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار كەنتتىكى 10 ئائىلىلىك ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، مەسىلىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، كەنت خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭ سوۋغىتىنى تارقاتقاندا، ياشلار زەربىدارلار ئەترىتىمۇ دائىم ئالدىدا ماڭدى.

  ياشلار زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى زەيتۇنگۈل ئابدۇرېھىم ھەر كۈنى كەنت ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا ھەيدەيدىغان موتوسىكلىتقا ھەر خىل جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى ۋە ماسكا قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلىگەنىدى.

  «ئاينىسا ئانا، يۈرەك قان تومۇر دورىڭىزنى بۈگۈن يېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ».

  «تۇرغۇن تاغا، ماسكىڭىزنى چوقۇم ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇڭ».

  ھەر كۈنى، زەيتۇنگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ موتوسىكلىتقا مىنگەن سىماسى ياشانغانلارنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

  «مەن ھەر كۈنى كەنتتىكى ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، دورا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىمەن، ئۇلارنىڭ قانداق ئېھتىياجى بارلىقىنى ئاڭلايمەن، ئۇلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى سۆزلەپ، كۈچۈم يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېرىمەن» دېدى زەيتۇنگۈل ئابدۇرېھىم.

  ياشلار زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جېڭ يۈمىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە دېزىنفېكسىيە قىلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، دەرھال كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يەم-خەشەك توشۇپ بېرەتتى. كەچتە يۇقۇم مەزگىلدە قىيىنچىلىق تەلىپىنى ھەل قىلىش ھېسابات دەپتىرىگە، ھەل قىلىنغان قىيىنچىلىق تەلىپىنى خاتىرىلەپ، ھەل قىلىنمىغان قىيىنچىلىق تەلىپىنى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ، ھەر كۈنى سەھەر سائەت ئىككى، ئۈچلەردىمۇ ئۇنىڭ ئالدىراش سىماسىنى كۆرگىلى بولاتتى.

  «كەنتىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى كالا، قوي، توخۇ، كەپتەرنى ئاساس قىلىدۇ، تۈنۈگۈن كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ 12.5 توننا كۈنجۈرە، كېپەك قاتارلىق يەم-خەشەك سېتىۋالدۇق، بىز ياشلار زەربىدارلار ئەترىتى بۇ يەم-خەشەكلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا 32 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئۆيىگە تارقىتىپ بەردۇق. كۆپچىلىكنىڭ رەھمىتىنى ئاڭلاپ، ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدىكەن دەپ ھېس قىلدىم. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە قاتنىشىشتا، بىز <90-يىللاردا تۇغۇلغانلار>نىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار» دېدى جېڭ يۈمىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى