تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتىدە: نۇقتىلىق تۈرلەردە جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلماقتا

قەشقەر ۋىلايىتىدە:

نۇقتىلىق تۈرلەردە جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلماقتا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى ماشىنا ھەم مۇنارسىمان كىران مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، بىخەتەرلىك قالپىقى كىيگەن ئىشچىلار ئۆز ئىش ئورنىدا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى.

كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، ئالاقىدار تارماقلار تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى مەيدانلىرىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«نۆۋەتتە ئاۋىياتسىيە بىناسى قۇرۇلۇشىنىڭ %50ى تاماملاندى، توپا-ياغاچ قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ھازىر پولات قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى قەشقەر (يەكەن) ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى لى ۋېيدۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بۇ تۈر قۇرۇلۇشى ئورنىدا پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى، 300دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى. تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش قاتارلىق تارماقلار كۆپ تەرەپتىن ماسلاشتۇرۇپ ۋە قوللاپ، خام ماتېرىياللارنى توشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، يۇقۇمنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە بولغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتتى.

«بىزنىڭ تامىقىمىز، ياتىقىمىزنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇش ئورنىدا، قۇرۇلۇش رايونى بىلەن تۇرمۇش رايونى ئايرىۋېتىلگەن، ھەر كۈنى ئاشخانا، ياتاقلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشكە مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولىدۇ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ غىزالىنىمىز، تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى.» قەشقەر ۋەندا مەيدانى قۇرۇلۇش تۈرى ئىش ئورنى پولات چىۋىق پىششىقلاش رايونىدا، پولات چىۋىق ئىشچىسى ۋاڭ شىچۇاڭ بىلەن ئون نەچچە ئىشدىشى ھەربىر تال پولات چىۋىقنى ئېھتىياجلىق شەكىلدە پىششىقلاپ ئىشلەۋاتاتتى. بۇ قۇرۇلۇش ئورنىدا، 800دىن ئارتۇق ئىشچى قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرماقتا.

قەشقەر ۋەندا مەيدانى قۇرۇلۇشىنىڭ يەر كۆلىمى 415 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ۋەندا مەيدانى سودا رايونى، ئولتۇراق ئۆي رايونى ھەمدە بىر مېھمانساراينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەشقەر ۋەندا مەيدانى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ باش قوماندانى ليۇ جېڭخۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە ئالدىن يېتەرلىك پولات چىۋىق، قۇم-شېغىل قاتارلىق خام ماتېرىياللار تەييارلانغاچقا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر ئاز ئۇچرىغان، ئاساسىي جەھەتتىن ئالدىن بەلگىلەنگەن پىلان بويىچە تەرتىپلىك قۇرۇلۇش قىلىنغان، نۆۋەتتە ۋەندا مەيدانى سودا رايونىنىڭ 1-قەۋىتىدە جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.

قەشقەر ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، نۇقتىلىق تۈر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ خۇيچىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىرغا قەدەر، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش يىللىق نىشان-ۋەزىپىسىنىڭ %101ى تاماملانغان، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر-يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق 832 قۇرۇلۇش تۈرى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش، تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قاتارلىق 261 تۈردە جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.

«بىز ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلىپ، نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكلەش بىلەن سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، <بۇلۇت قۇرۇلۇش نازارەتچىسى>نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى چىڭ تۇتتۇق» دېدى ياڭ خۇيچىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى