تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قەشقەردىكى 111 مىڭ پىدائىي يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى

  «ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى بولسا، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز»

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ھەبىبە، ئايشەمگۈل ئابلا، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، شۇ جايدىكى 111 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، يېزا-كەنت چىغىر يوللىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرلۈك پىدائىيلار پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىسى، مال سېتىۋالغۇچىسى، تېز يەتكۈزگۈچى، تەشۋىقاتچى بولدى.

  ئوتتۇرىغا چىقىپ، قوشنىلار ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلاندۇق

  11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا، قەشقەر شەھىرى ياڭگۇاڭ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق رېن يابىڭ بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، توكسىكلىتىنى مىنگىنىچە مەھەللىدە چارلاپ، قوشنىلارغا كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، تۈرلۈك دورىلارنى توشىدى.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، قەشقەر ياڭگۇاڭ مەھەللىسىدىكى پىدائىي رېن يابىڭ ئاھالىلەرگە مېۋە-چېۋە توشۇماقتا.

  «توشۇش مۇلازىمەت گۇرۇپپىمىزدا ھازىر 14 پىدائىي بار، بىز ھەر كۈنى سائەت 9دىن باشلاپ مەھەللىدە كۆپچىلىككە تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بېرىمىز.» رېن يابىڭ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئازراق تۆھپە قوشالىغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن». 

    ئوخشاش پىدائىي بولۇۋاتقان 6-بىنانىڭ بىنا باشلىقى لى يۈنفېي ھەر كۈنى كارىدورنىڭ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە بىنادا ئولتۇرۇشلۇق بىر قانچە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇردى.

  «كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجى بولسا، بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز» دېدى لى يۈنفېي.

  ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرى ياڭگۇاڭ مەھەللىسى 216 پىدائىينى مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش، قاتناش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، ماددىي ئەشيالارنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

  ئېتىزدىكى ئىشلاردا بىز بار

  11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3دىن ئاشقاندا، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتىدىكى پارتىيەلىك پىدائىي ئابلاجان ئىمىن ئۆزىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچ ئەزاسىنى باشلاپ، ئېتىزدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىشلىق سۇغىرىشىغا ياردەملەشتى.

  «ھەر كۈنى ئەتىگەندە كەنت ئاھالىلىرىگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى توشۇپ بەرگەندىن باشقا، بىز يەنە ئېتىزدا ئۇلارنىڭ يېرىنى سۇغىرىپ بېرىپ، ئېتىزدىن پىشقان چامغۇرلارنى يىغىۋالىمىز» دېدى ئابلاجان ئىمىن. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئابلاجان ئىمىن كەنتتىكى 35 پىدائىي بىلەن بىللە ئىزچىل ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلماقتا.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتىدىكى پىدائىيلار ئاھالىلەرگە تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتماقتا.

  قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش گۇرۇپپىسى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قاتارلىق كىچىك گۇرۇپپىلارنى قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، كەنت ئاھالىلىرى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پىدائىي بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «بۇ پىدائىيلار كەنتنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدۇ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى، كەنتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى» تېرىم يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، يۇلغۇنبوغرا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇ سېنسېن شۇنداق دېدى.

  سىلەرنىڭ ماسكا ئىچىدىكى چىرايىڭلارنى كۆرۈپ باققۇم بار

  «ئۇلار قىزىل جىلىتكە كىيىپ، ماسكا تاقىۋالىدۇ، بۇ مەزگىلدە بىز ئۈچۈن كۆكتات، دورا ئەكىلىپ بەردى. چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىسەممۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن» ياڭگۇاڭ مەھەللىسىدىكى 55 ياشلىق پەيزۇللا ئابدۇرىشىت ھەر كۈنى كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلىدىغان پىدائىيلارنى ماختىدى.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتىدىكى پىدائىيلار ئاھالىلەرگە تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتماقتا.

  پەيزۇللا ئابدۇرىشىتنىڭ ئايالى يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەلگە گىرىپتار بولغان. ھەر قېتىم ئائىلە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە دورىلارغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، رېن يابىڭ قاتارلىق پىدائىيلارغا تېلېفون ئۇراتتى، بولۇپمۇ خوتۇنى ئېھتىياجلىق دورىلارغا بەزىدە ئالدىراپ كېتەتتى، رېن يابىڭ ۋە باشقا پىدائىيلار ئەزەلدىن بىرەر قېتىممۇ كېچىكىپ قالماي، دەل ۋاقتىدا بوۋاينىڭ ئىشىكىگىچە يەتكۈزۈپ بېرەتتى.

  قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتىنىڭ ئاھالىسى تۇرغۇن ئوسمان تېخىمۇ تەسىرلەنگىنىدىن ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. «بۇنداق ياخشى پىدائىيلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار ھەر كۈنى شۇنداق جاپا تارتىدۇ، يەنە بىزگە ياردەملىشىپ ئېتىزدىكى چامغۇرلارنى يىغىپ بېرىدۇ، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن چوقۇم ئۇلارغا ياخشى رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلارنىڭ ماسكا ئىچىدىكى چىرايلىق تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ باقسام دەيمەن» تۇرغۇن ئوسمان شۇنداق دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى