تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلمىدى؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 11، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاغرىق مىسالى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 24، بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكىسى 21، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكىسى ئۈچ؛ ئېغىر ئاغرىقتىن ئادەتتىكى تىپلىققا ئۆزگەرگىنى ئۈچ.
11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 41 (ئېغىر ئاغرىق مىسالى بىر) بولۇپ، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاغرىق مىسالى؛ ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 268 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكىسى 251، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكىسى 17.
10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت نۆلدىن 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 24كىچە، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 37، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 84.