تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يوللىرىنى كېڭەيتتى

قەشقەر ۋىلايىتى:

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يوللىرىنى كېڭەيتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاچقان كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: قەشقەر ۋىلايىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نورمال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈچ دەرىجىلىك سېتىۋېلىش - سېتىش مۇلازىمەت تورى ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىگەن.

11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگە قەدەر، قەشقەر ۋىلايىتى جەمئىي 74 كارخانا، سودا سارىيى ھەم سېتىۋېلىش - توپ سېتىش سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئومۇمىي قىممىتى 123 مىليون يۈەن بولغان 12 مىڭ 600 توننا چىلان، ياڭاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان.

قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تۇرغۇن قادىر مۇنداق تونۇشتۇردى: كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەمىنات - سودا كوپىراتىپى، خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى، قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسى، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، مالىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەركىب تاپقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يىغىپ ساقلاش، پىششىقلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋەزىيىتىنى دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ بازار تەمىناتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇردى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، كىرىپ چىققان ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلەپ، كىرىپ چىققانلارنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ساغلاملىق كودىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىدى؛ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر تۆلەم تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋالدى، نۆۋەتتە 12 باشلامچى كارخانىنىڭ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى. سىرتقا ئېلان قىلغان بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە سېتىۋېلىپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ بۇ يىللىق باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئوڭ باھادا سېتىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش جەريانىدا يولۇققان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

قەشقەر ۋىلايىتى سېتىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كېڭەيتىپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى كارخانىلار، سودا سارايلىرى، سېتىۋېلىش - توپ سېتىش سودىگەرلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىشقا تۈرتكە بولدى. 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگە قەدەر، جەمئىي 74 كارخانا، سودا سارىيى ھەم سېتىۋېلىش - توپ سېتىش سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئومۇمىي قىممىتى 123 مىليون يۈەن بولغان 12 مىڭ 600 توننا چىلان، ياڭاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولى ئارقىلىق ئىچكىرى رايونلاردىكى ھەرقايسى بازار سۇبيېكتلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېتىپ بېرىدۇ. 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، شەندۇڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېندىن ئىبارەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە، شەھەرگە جەمئىي 713.5 توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى. توردا سېتىش سۇپىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەردىكى يەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش باشلامچى كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ، «جىڭدۇڭ» «تيەنماۋ» «نامراتلارنى يۆلەش 832 سۇپىسى» قاتارلىق سۇپىلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ كېڭىشىپ، «قوش 11» سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئارقىلىق ياڭاق، چىلان، ئالما قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ