تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

11- ئاينىڭ 9- كۈنى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن ئىككىسى يېڭىدىن كۆپەيدى

كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن سەككىز يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئىككى ئاغرىق مىسالى دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن سەككىز يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىدىن يەتتە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن بىر.

بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسى ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى جۇ يۈلوڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرىقى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسى بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ كونكرېت ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل داۋالاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاغرىقلارنى داۋالاش لايىھەسىنى دەل ۋاقتىدا تەڭشىدى ۋە ئەلالاشتۇردى. دوختۇر - سېسترالار كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشى - داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، ۋىرۇس نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەنپىي چىقتى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى، ئۆپكە قىسمىنى رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ھەممىسى نورمال بولۇپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 8 - نۇسخىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك مەنبەسى ئىلمى كۆرسەتكۈچى ۋە ئۆپكە قىسمىنىڭ رېنتىگېندىكى ھالىتىنى ئۇدا، قاتتىق كۆزىتىپ ئۆلچىدى، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتتى ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن سەككىز يۇقۇملانغۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشىلاندى، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى نورمال بولۇپ، تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى