تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى: يۇقۇم مەزگىلىدە زىرائەتلەرنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، چارۋىلارنى باقىدىغان ئادەم بولۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋالىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلدى؟

  قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنڭ نورمال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  بىرىنچى، خادىم كۈچى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەشكىللەندى. كوناشەھەر ناھىيەسى ھەرقايسى مەمۇرىي كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ باھالاپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، كەنت كادىرلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىقلارنى ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، كەنتلەرنى يېپىق باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرىنىڭ ياتىقىنى رايونغا ئايرىش، تاماقنى بىرتۇتاش  تەمىنلەشتەك باشقۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە، ئادەم بەلگىلەش، ۋاقىت بەلگىلەش، ئورۇن بەلگىلەش، لىنىيە بەلگىلەشتەك مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بۇغداينى قىشلىق سۇغىرىش، پاختا تېرىش، كۆكتات پەرۋىش قىلىش-ئۈزۈش، چارۋىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، زىرائەتلەرنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، چارۋىلارنى باقىدىغان ئادەم بولۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋالىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر چىڭ تۇتۇلدى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترەتلىرى ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئېتىز بويىچە ئايرىپ سۇ باشلاش شەكلىنى قوللىنىپ، بۇغدايلارنى سۇغىرىش خىزمىتىنى سۈپەتكە، سانغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملىدى؛ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئامما بىلەن پاختا تېرىش مو سانى، باھاسىنى كېڭەشكەندىن كېيىن، ئالاقىلەشكۈچىلەر نۇقتىدىن نۇقتىغا ماشىنىدا پاختا تەردى؛ ھويلىسىدا باقمىچىلىق قوتىنى بار ئۆيدە تۇرۇۋاتقان دېھقانلار چارۋىلارنى ئۆزلىرى باقتى، باقمىچىلىق قوتانلىرى ھويلىسىدا بولمىغان، پۈتۈن ئائىلە بويىچە ئايرىۋېتىلگەن ئائىلىلەرگە قارىتا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى چارۋىلارنى تىزىملاپ تىزىملىك تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئوپچە باقتى ياكى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار بېقىشقا ياردەملەشتى؛ خادىم كۈچىنى تەرتىپلىك تەشكىللەپ، لوبو، بەسەي، چامغۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى يىغىۋېلىشنى دەل ۋاقتىدا ياخشى ئىشلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، «كەنت سېتىۋېلىش، يېزا ئالماشتۇرۇپ توشۇش، ناھىيە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش» سىستېمىسىنىڭ رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ناھىيە بازىرىدىكى بېكىتىلگەن بازار، تاللا بازىرى ۋە مەھەللىلەرگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ، ۋاقتىدا تەمىنلەپ، ۋاقتىدا پايدا ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ساتقىلى بولمىغان كۆكتاتلارنى يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى، قىشلىق كۆكتات ئورىسىدا ساقلاپ، ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ بازارغا سېلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  ئۈچىنچى، قىيىنچىلىقى بار توپقا ياردەم بېرىش-يۆلەش ياخشى ئىشلەندى. پارتىيە ئەزالىرى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترەتلىرى يېتىم-يېسىر، ئەمگەك كۈچى يوق ئائىلىلەرنىڭ كۈزگى بۇغدايغا توڭ ياتقۇزۇش، باغ-ئورمان پەرۋىشى، چارۋىلارغا يەم-خەشەك بېرىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار توپقا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالىلەر، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە دەل ۋاقتىدا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى ھەم كۈندىلىك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  تۆتىنچى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. كەسپىي تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقارغۇچى سۈپىتىگە ۋەدە بېرىش، تەكشۈرۈشكە ھاۋالە قىلىش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك قىشلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شارائىتىدىكى ھەرقايسى يېزا ئىگىلىك سودا توپ تارقىتىش بازارلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى