تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 111 مىڭ پىدائىي 10 نەچچە مىليون ئادەم قېتىم پىدائىيلار مۇلازىمىتى قانات يايدۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ، سۇبات ئەسقەر خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە پىدائىيلارنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئەسەت ئۇرايىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىز ھەرقايسى ناھىيە، شەھەردىكى پىدائىيلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلىنىشقا تېزدىن تەشكىللەپ، ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئالاھىدە توپقا ياردەم بېرىش-يۆلەش، پىسخىكىلىق يېتەكلەش قاتارلىق پىدائىيلىق مۇلازىمىتى خىزمىتىگە بىخەتەر، تەرتىپلىك قاتناشتۇردۇق، 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيان، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 111 مىڭ پىدائىي 12 مىليون 950 مىڭ ئادەم(قېتىم) پىدائىيلار مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك قوللىدى.

  بىرىنچى، پىدائىيلار مۇلازىمەت كۈچلىرى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خەلققە قولاي مۇلازىمەت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى، پىسخىكىلىق يېتەكلەش قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈر بويىچە 8806 پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇلدى، ۋىلايەت، ناھىيە(شەھەر)، يېزا-بازار(كوچا)، كەنت(مەھەللە) تۆت دەرىجە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملەندى.

  ئىككىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتى كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇلدى. ئاممىنىڭ تەلىپى بويىچە، كەڭ پىدائىيلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە تەشكىللەندى. كەنت(مەھەللە) قوروسىدا تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇش، خەلققە قولايلىق يارىتىپ تۇرمۇش ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، قىيىنچىلىقى بار توپتىن خەۋەر ئېلىش، ئەخلەتلەرنى تازىلاش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلدى؛ ئېتىز باشلىرىدا، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترەتلىرى سەپەرۋەر قىلىنىپ، كەنتنى بىرلىك قىلىپ، يۇقۇش خەۋپ-خەتىرى يوق، تېخنىكا بىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماھىرلىرى تەشكىللىنىپ، ئۈچ كىشى بىر گۇرۇپپا بولۇش شەكلىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، باغ-ئورمان تېخنىكىسى قاتارلىق بىر قانچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك، قىشلىق ئاممىۋى ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بەردى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى ۋە ئاممىۋى پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، پىدائىيلار تەشكىللىنىپ، ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاممىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى 6 مىليون 920 مىڭ ئادەم قېتىم تەشۋىق قىلىندى.

  ئۈچىنچى، تەربىيەلەش، يېتەكلەش كۈچەيتىلىپ، پىدائىيلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. «بىخەتەرلىك بىرىنچى» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، پىدائىيلار پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە بىخەتەر، تەرتىپلىك قاتنىشىشىقا يېتەكلەندى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى ۋە ئىش ئورنى ئېھتىياجى بويىچە، تۈركۈم قېتىمغا بۆلۈپ پىدائىيلارنى ماسكا، پەلەي، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، بىر قېتىملىق مۇداپىئە كىيىمى، كۆز قوغداش ئەينىكى، ئاياغ قاپلىغۇچ قاتارلىق مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى زاپىسىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پىدائىيلارنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى