تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى پىڭدودو بىلەن ھەمكارلىشىپ، 48 سائەتتىلا ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن، پىراكتىكانت جاڭ بىنبىن خەۋىرى): ھازىر، ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىدىن كەڭ كۆلەمدە مول ھوسۇل ئېلىندى. ئېلېكتىرونلۇق سودا پىڭدودو «يېزا ئىگىلىك ماللىرىنى جۈپلەش» يېڭى ئەندىزىسىنىڭ ياردىمىدە، تېخىمۇ كۆپ «بىڭتاڭشىن» ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش شەكلىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېز سېتىلدى.

  11-ئاينىڭ 5-كۈنى، شيەنشىخۈەن يېڭى مېۋە-چېۋە بايراقدار دۇكىنىنىڭ خوجايىنى لى چېڭجۈن بىلەن ھەسەنجان ئەخمەت ئىككىيلەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھەرقايسى باغلىرىدا چېپىپ يۈرۈپ، ئالما سېتىۋېلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولدى. ئىككىيلەن بىرلىشىپ ئاچقان دۇكان پىڭدودو ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، 11-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە سېتىلىش سوممىسى 18 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

   پىڭدودو يەنە ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنى «10 مىليارد يۈەنلىك تولۇقلىما» تاۋار قىلىپ تەسىس قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىستېمال شەرتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ بازار ئېچىشىغا ياردەم بەردى. بۇ يىل 6 ـ ئايدىن بۇيان، كورلا نەشپۈتى، كۇچا ئاق ئۆرۈكى، بىڭتۇەن كىچىك قىزىل ئۆرۈكى، قەشقەر شىنمېيسى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ پىڭدودونىڭ «10 مىليارد يۈەنلىك تولۇقلىما» دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى