تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەردە يېزا ئىگىلىكىدىكى سېتىش باشلامچى كارخانىلىرى «قوش 11» پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈردى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

   قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تۇرغۇن قادىر مۇخبىرنىڭ شۇ جاينىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلار ۋە كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە سېتىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

   تۇرغۇن قادىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سېتىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتتۇق. ئىچكىرى رايونلاردىكى كارخانىلار، سودا سارايلار، توپ سېتىش سودىگەرلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. 11-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە كارخانا، سودا ساراي ۋە سېتىۋېلىش، توپ سېتىش سودىگىرىدىن 74ى بىلەن ئالاقىلىشىپ، چىلان، ياڭاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن 12 مىڭ 600 توننا ساتتۇق، ئومۇمىي قىممىتى 123 مىليون يۈەنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يوللىرى ئارقىلىق ئىچكىرى رايونلاردىكى بازار سۇبيېكتلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ساتتۇق. 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە شەندۇڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېندىن ئىبارەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە، شەھەردە جەمئىي 713.5 توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىلدى. توردا سېتىش سۇپىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەردىكى يېزا ئىگىلىك سېتىش باشلامچى كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ، «جىڭدۇڭ»، «تيەنماۋ»، «نامراتلارنى يۆلەش 832» قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، «قوش 11» سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ياڭاق، چىلان، ئالما قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل