تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

   قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تۇرغۇن قادىر مۇخبىرلارنىڭ يەرلىكنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلار ۋە كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلشىغا ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

   تۇرغۇن قادىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم كۆرۈلگەندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، چىلان، ياڭاق قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈچ دەرىجىلىك سېتىۋېلىش-سېتىش مۇلازىمەت تورى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

   بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كۈچەيتىلدى. كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى، قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى، ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسى، مالىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يىغىپ ساقلاش، پىششىقلاش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ بازارنى تەمىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇردى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، كىرىپ-چىققان ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلەپ، كىرىپ-چىققانلارنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ساغلاملىق كودىنى تەكشۈرۈش؛ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ترانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى