تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چۆل-جەزىرىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئۇچقۇنلىرى لاۋۇلداپ ياندى

بۇ، 11-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ چىرا ناھىيەسى تيەنجىن سانائەت رايونىدا تارتىلغان رەقەملىك ئېلېكتىرون كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ كۆرۈنۈشى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

   شىنخۇا تورى خەۋىرى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ جۇڭكەي، دىڭ لېي): جەنۇبىي شىنجاڭ تىلغا ئېلىنسا، قانداق مەھسۇلاتلار يادىڭىزغا يېتىدۇ؟

  «مېۋە-چېۋە»، «كالا-قوي»، «دوپپا»، «كىيىم ـ كېچەك» ... بۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئويلاپ يېتەلەيدىغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى. كوئېنلۇن تېغى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقى ئارىسىغا جايلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، كەسىپ ئاساسى ئاجىز، مەھسۇلاتلىرى چەكلىك ھەم دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن. شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى قۇملۇق چېگرا شەھىرى چىرا ناھىيەسىدىن ئىبارەت چۆل-جەزىرىدە ئوخشاش بولمىغان «جەنۇبىي شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى» مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلماقتا.

چىرا ناھىيەسى تيەنجىن سانائەت رايونىدىكى تيەنجىن-خوتەن رەقەملىك ئېلېكتىرون كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىدا، شىنجاڭ تيەنجىتۇڭ ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاقما لىنىيەدە ئالدىراش ئىشلىمەكتە (11-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دېڭ لېي فوتوسى

  ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇلىۋاتقان چىلانلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، مۇخبىر يېقىندا دۆلەت يولى 315-لىنىيەسىنىڭ يېنىدىكى چىرا ناھىيەسى تيەنجىن سانائەت رايونىغا كەلدى. 2009-يىلى تيەنجىن بىلەن چىرا بىرلىكتە قۇرغان بۇ باغچە رايونى ئىلگىرى قاقاسلىق ئىدى، ھازىر 60 نەچچە كارخانا بۇ رايونغا ماكانلىشىپ، شۇ جايدىكى يادرولۇق كەسپلەر توپلاشقان رايونغا ئايلاندى.

  ئەتراپتىكى قاتارلىشىپ تۇرغان مۇكەممەل زاۋۇت رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، باغچە رايونىدىكى بىر يېڭى رايون كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدۇ، نۇرغۇن زاۋۇت بىنالىرى قۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇ يەر شۇ جاينىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى ئېگىزلىك، يەنى تيەنجىن -خوتەن رەقەملىك ئېلېكتىرون كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدۇر.

  «بۇنىڭدىن ئىلگىرى سانائەت رايونىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، زور تۈركۈمدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، لېكىن دەۋر ۋە بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش چوڭ يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىق رەقەملىك ئېلېكتىرون كەسىپلىرى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرگە تەۋە بولۇپ، بازار ئېھتىياجى تېخىمۇ كېڭىيىپ، شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ زور ياردەم بەردى» دېدى چىرا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر دۇڭ مىڭيەن مۇخبىرغا.

چىرا ناھىيەسى تيەنجىن سانائەت رايونىدىكى تيەنجىن-خوتەن رەقەملىك ئېلېكتىرون كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىدا، شىنجاڭ تيەنجىتۇڭ ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاقما لىنىيەدە ئالدىراش ئىشلىمەكتە (11-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دېڭ لېي فوتوسى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن مەخسۇس بەن تەشكىللەپ، كۆپ قېتىم گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن، شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ، 60 نەچچە كارخانىنى زىيارەت قىلدى. نۆۋەتتە 13 رەقەملىك ئېلېكتىرون كارخانىسى مەبلەغ سېلىشنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى تۆت بولۇپ، تىڭشىغۇچ، مائۇس، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چىقىم قىلىش تېرمىنالى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك قالپىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

  باغچە رايونى ئىچىدىكى تيەنخۇيتۇڭ ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، 30 نەچچە ئىشچى كومپىيۇتېر ئارقىلىق بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق رادىيونى تەڭشەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئىككىنچى قەۋەتتىكى سېختا ئىشچىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور قۇراشتۇرۇۋاتاتتى. بۇ مەھسۇلاتلار زاۋۇتتىن چىققاندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

چىرا ناھىيەسى تيەنجىن سانائەت رايونىدىكى تيەنجىن-خوتەن رەقەملىك ئېلېكتىرون كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىدا، شىنجاڭ تيەنجىتۇڭ ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاقما لىنىيەدە ئالدىراش ئىشلىمەكتە (11-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دېڭ لېي فوتوسى

  شىركەتنىڭ 30 ياشلىق خىزمەتچىسى نۇرمەمەت ئابدۇئەلى ئىلگىرى شۇ جايدا بىر ئۇۋۇلاش دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا بۇ يەرگە كېلىپ بىر سىناق خادىمى بولۇپ ئىشلەپ، زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇنقى تېلېۋىزورنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان. «يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەشتە قىيىنلىق ھېس قىلدىڭىزمۇ يوق؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىزمەت بەك ئاددىي ئىكەن، تېخنىك خادىملار قولمۇقول ئۆگىتىۋاتىدۇ. مۇھىمى خىزمەت ۋە كىرىم بىر قەدەر مۇقىم، ھارغىنلىق ھېس قىلمىدىم».

  دۇڭگۈەندىن كەلگەن دىڭ يۆيىن ئوقەتچىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇ رايونغا ماكانلاشقان تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كارخانىسى. نېمە ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا تۇنجى قېتىم «قىسقۇچپاقا يېيىش» ئويىغا كېلىپ قالغانلىق توغرىسىدا توختالغاندا، شىركەتنىڭ باش مۇدىرى خۇ ۋېنچۈەن «سىياسەت ياخشى، مۇلازىمەت ياخشى، ئىستىقبال ياخشى» دېدى. ئۇ يەنە بىر نەچچە كارخانىچىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كېلىشكە تونۇشتۇردى.

بۇ، شىنجاڭ چىرا ناھىيەسى تيەنجىن سانائەت رايونى ئىچىدىكى رەقەملىك ئېلېكتىرون كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان كۆرگەزمە مەھسۇلاتى (11-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  دۇڭ مىڭيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سانائەت رايونىدا 2021 ـ يىلى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىسى ئوندىن ئاشىدىكەن، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە 2-، 3-كەسىپنىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن، كەلگۈسىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرون ياسىمىچىلىق كەسپى توپلاشقان رايون قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.

  خۇ ۋېنچۈەننىڭمۇ مۇنداق بىر كىچىك نىشانى بار: كەلگۈسىدە جەنۇبىي شىنجاڭدا يەنە ئىككى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش. ئۇ «خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى (خوتەندىن چاقىلىققىچە) ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىشىدىن تېخىمۇ غەم قىلمايمىز» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى