تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پىدائىيلار مۇلازىمىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ قوشتى

  11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ماددىي ئەشيا كاپالىتى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ پىدائىيلىرى قەشقەر شەھىرى چاسا كوچا ياڭگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدىكى سەي-كۆكتات تەقسىملەپ يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى رەتلىمەكتە.(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لى چۇنشيا خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 11دە، قەشقەر شەھىرى چاسا كوچا ياڭگۇاڭ ئولتۇراق رايونى D رايونىدا، پىدائىي رېن يابىڭ قاچىلاپ بولۇنغان كۆكتات، مېۋە-چېۋە خالتىلىرىنى توكسىكلىتقا قويۇۋاتاتتى، «بىر قېتىمدا ئالتە ئۆيگە ئاپارغىلى بولىدۇ» دېدى ئۇ.

  كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى رېن يابىڭغا ئوخشاش پىدائىيلار مۇلازىمىتى سېپىگە قوشۇلۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى، ئۇلار جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، سەمىمىيەت بىلەن ئۆزىنى تەقدىم قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، دورا سېتىۋېلىش، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلار ئىشلىرىغا شەخسىيەتسىز بەدەل تۆلەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشتى.

   يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ياڭگۇاڭ مەھەللىسىدە 216 كىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلىققا تىزىملاتتى. «ئەڭ جاپالىق بولغىنى ماددىي ئەشيالارنى توشۇش گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپىدا 14 پىدائىي بار، ھەركۈنى يۇقىرى-تۆۋەن قاتراپ يۈرۈپ ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، بەزىدە ھەتتا تاماق يېگىلىمۇ ۋاقت چىقىرالمايدۇ» دېدى ياڭگۇاڭ مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن دوبىن.

  رېن يابىڭ ماددىي ئەشيا توشۇش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى. ئاھالىلەر زاكاز قىلغان نەرسىلەرنى ئۆيلەرگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇ ھەركۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش يۈرىدۇ، بەزىدە زاكازلار كۆپ بولغاچقا، ئۇ ھەمراھى بىلەن ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى مىنىپ يەتكۈزىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەركۈنى 100دىن ئارتۇق زاكازنى توشۇيدۇ. ئۇ 10 نەچچە كۈن پىدائىي بولۇپ، تۆت كىلودەك ئورۇقلاپ كەتتى.

  ياڭگۇاڭ ئولتۇراق رايونى D رايونى 6-بىنانىڭ بىنا باشلىقى، يەككە تىجارەتچى لى يۈنفېيمۇ پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى. ئاھالىلەرگە تۇرمۇش جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە ئالاھىدە ئېھتىياجى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ناھايىتى غەم يېدى. «خوتۇنۇم چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز، بالىلارمۇ يېنىمىزدا ئەمەس، بۇ مەزگىلدە يۈنفېي خۇددى بىزنىڭ بالىمىزغا ئوخشاش ياردەم بەردى» دېدى مەھەللە ئاھالىسى پەيزۇللا ئابدۇرېشىت.

  يېزىلاردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن پىدائىيلار ئەترەتلىرى قۇرۇلدى. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كوناشەھەر ناھىيەسى تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتىدە، 10 نەچچە پىدائىي كەنت ئاھالىلىرىغا «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭ سوۋغاتلىقى» ھەربىر ئائىلىگە ئىككى تاختا تۇخۇم، ئىككى يەشىك سۈت، ئىككى خالتا تۇز، بەش كىلوگىرام ئالما تارقاتتى. يەنە بىر نەچچە پىدائىي ئېتىزلىقنى سۇغىرىپ، چامغۇر يۇلدى.

  تېرىم يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، يۇلغۇنبوغرا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇ سېنسېننىڭ دېيىشىچە، كەنتتىكى 35 پىدائىي مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان، ئۇلار كەنتنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان بولۇپ، كەنت ئاھالىرىگە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزگەن، قايسى ئائىلىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بار، غەمخورلۇققا ئېھتىياجلىق، قايسى ئائىلىنىڭ ئېتىزلىقىدا قىلىدىغان ئىش بار، ياردەمگە ئېھتىياجلىقمۇ-يوق دىگەنلەرنى ئېنىق بىلىدىكەن، ئۇلار كەنت ئاھالىلىرىغا ياردەم قىلىپ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەرگەن.

  ئابلاجان ئىمىن يۇلغۇنبوغرا كەنتىدىكى بىر پارتىيەلىك پىدائىي. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇ باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 1000 مودىن ئارتۇق يېرىنى سۇغىرىشىغا ياردەم بەرگەن. «پىدائىيلار بىزگە گۈرۈچ، ئۇن يەتكۈزۈپ بەردى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىمىزغا ياردەملەشتى، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تەسىرلەندۇق» دېدى كەنتتىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئاھالىسى جىمىلىخان يۈسۈپ. «20 نەچچە يىللىق ئىستاژغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى بولغانكەنمىز، بۇنداق چاغدا رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇشىمىز كېرەك» دېدى ئابلاجان.

  «پىدائىي بولغاندىن كېيىن پىدائىيلىقنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم». 20 ياشلىق تىللاقىز ئەخەت بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، يۇرتىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان ئۇ پىدائىيلىققا تىزىملاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەتراپىدىكى پىدائىيلارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، باشقىلار ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىدىن كېچىشتەك روھى ئۇنى ئىنتايىن قايىل قىلغان، «مەن ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى