تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى: سۇ، توك، پار بىلەن نورمال تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز

11-ئاينىڭ 6-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى كوناشەھەر ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك تەقسىملەش، يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئاسراش، رېمونت قىلىش بەنى تىيانشان قار لەيلىسى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تەسۋىر چۈشۈرۈش تېرمومېتىرى ئارقىلىق ۋىكليۇچاتېلنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە ھەمدە پارامېتىرنى خاتىرىلىمەكتە. (ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

   مۇخبىر: لى چۇنشيا

   كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن بىللە، سۇ، توك، پار بىلەن نورمال تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

   قەشقەر خۇاشىڭ پار بىلەن تەمىنلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قەشقەر شەھىرى، كوناشەھەر ناھىيەسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنى پار بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى ئەڭ چوڭ كارخانا ھېسابلىنىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ يەنبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، بۇ شىركەت مۇددەتتىن ئالتە كۈن بۇرۇن پار بېرىشنى پىلانلىغان.

   «بىزدە جەمئىي 284 ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ چوڭ ئېكراندىن ھەر بىر ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆرگىلى بولىدۇ.» قەشقەر خۇاشىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىسسىقلىق تورى تەڭشەش نازارەت قىلىش مەركىزىدە، ۋاڭ يەنبىن ئىسسىقلىق تورى نازارەت قىلىش سۇپىسىدىكى چوڭ ئېكراننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاھالىلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىركەت 24 سائەتلىك مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلدى، پار بىلەن تەمىنلەش كاشىلىسى يۈز بەرگەن ھامان نەق مەيدانغا بېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. 

   كوناشەھەر ناھىيەسى خەلق جەنۇبىي يولىدىكى بىر ئىستولبىنىڭ يېنىدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى كوناشەھەر ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك تەقسىملەش، يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئاسراش، رېمونت قىلىش بەنىنىڭ باشلىقى پەرھات مەمەت ئىنفىرا قىزىل رەڭلىك تەسۋىر چۈشۈرۈش تېرمومېتىرىنى كۆتۈرۈپ، بىر ۋىكليۇچاتېلنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ئەلاجان ئابلىمىت يېنىدا تۇرۇپ تۈرلۈك پارامېتىرلارنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى.

   پەرھاتنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ خىزمەتدىشى بىلەن 1-نومۇرلۇق ئىستولبىدىن 105-نومۇرلۇق ئىستولبىغىچە بولغان لىنىيەنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن بەش كىلومېتىر كېلىدىكەن. بىر قېتىم چارلاشقا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ لىنىيەنى ئۇلار ھەر كۈنى ئىككى قېتىم چارلايدىكەن.

  «يۇقۇم مەزگىلىدە، شىركەتتىكى 75 خىزمەتچى خادىم ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ، ھەر ۋاقىت ئەڭ تېز سۈرئەتتە كاشىلىنى رېمونت قىلىپ، توك بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈردى» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى كوناشەھەر ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي يىڭچۈن. خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ شىركەت يەنە كەسپىي كۈچ ئاجرىتىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسىنى كۆزەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردىكى «دۆلەت ئېلېكتىر تورى» APPسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنى ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپ توردا توك سېتىۋېلىشقا يېتەكلەپ، ئاھالىلەرنىڭ توك سېتىۋېلىشىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ تېز قىلدى.

   شۇ كۈنى مۇخبىر يەنە كوناشەھەر ناھىيەلىك شەھەر-يېزا سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى زىيارەت قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ ھەق ئېلىش ئورنىدا، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى گۈلباغ مەھەللىسىدىن كەلگەن پىدائىي قەدىرىيە ئەسقەر ئاھالىلەرگە سۇ ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. «مەن ھەر كۈنى بىر قېتىم كېلىمەن، تىجارەتچى چۈشتە ئارام ئالمايدۇ، كەلسەملا سېتىۋالالايمەن» دېدى قەدىرىيە.

   كوناشەھەر ناھىيەلىك شەھەر-يېزا سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ چۇاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بۇ شىركەتتە جەمئىي 29 ئادەم ئىش ئورنىدا بولۇپ، كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 11 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن، سۇ بىلەن تەمىنلىنىدىغان نوپۇس 80 مىڭدىن ئاشقان. «بىز جىددىي ئىشكلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتى قۇرۇپ، سۇ تۇرۇبىسى يېرىلىپ كېتىش قاتارلىق تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن كاشىلىلارنى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ رېمونت قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ نورمال سۇ ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇ سېتىش كۆزنىكى پۈتۈن كۈن نورمال تىجارەت قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ سۇ سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى» ليۇ چۇاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى