تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قەشقەر ۋىلايىتى يۇقۇم مەزگىلىدە سۇ، توك، پار، گاز، ماي بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ، سۇبات ئەسقەر فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 9-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم مۇخبىرلارنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سۇ، توك، گاز، پار، ماي بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئەسەت ئۇرايىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئاساسىدا، سۇ، توك، پار، گاز، ماي بىلەن نورمال تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلدۇق.

  سۇ بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، ۋىلايەت بويىچە 12 سۇ بىلەن تەمىنلەش زاۋۇتى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، مۇداپىئە بۇيۇملىرى ۋە دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنى سەپلىدى، ئىش ئورنىدا دىجورنىلىك قىلىۋاتقان 723 خادىم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. ۋىلايەت بويىچە كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 329 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، ھەر كۈنى زاۋۇتتىن چىقىرىلىدىغان سۇ، تۇرۇبا تورى سۈيى، ئاخىرقى ئۇچتىكى سۇغا قارىتا ئەۋرىشكە ئېلىش ۋە نورمال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تۇرۇبىلارنى چارلاپ تەكشۈرۈپ، سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  توك بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى قەشقەر توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە قاراشلىق 12 ناھىيە(شەھەر)لىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى، 88 توك بىلەن تەمىنلەش بەنىدە 1354 ئادەم ئىش ئورنىدا تۇرۇپ، لىنىيەنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئورۇنلىرىنىڭ توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلىدى. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، جىددىي رېمونت قىلىش بويىچە ئۈچ دەرىجىلىك پەلەمپەيسىمان ئەترەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش «بىۋاسىتە لىنىيەسى»نى يولغا قويدى، جىددىي رېمونت قىلىش ئەترىتى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش توك چىقىرىش ماشىنىسى مەشغۇلات خادىملىرى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ، ھەرۋاقىت ئەڭ تېز سۈرئەتتە كاشىلىنى جىددىي رېمونت قىلىپ، توك بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  توك ئىشلىتىش مۇلازىمىتى جەھەتتە، ۋىلايەت بويىچە 4926 توك سېتىۋېلىش POS ئاپپاراتى، 509 ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش تېرمىنالى نورمال خىزمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك ھەق تاپشۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردىكى دۆلەت ئېلېكتىر تورى، جىفۇباۋ قاتارلىق يەتتە خىل توردا ھەق تاپشۇرۇش شەكىللىرىنى ئومۇملاشتۇردى، ئامما 24 سائەتلىك مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 95598گە تېلېفون قىلىپ يىراق مۇساپىلىك قىممەت تولۇقلاش كەسپىنى ئاچقۇزۇپ، يان تېلېفون ئارقىلىق «توردىكى دۆلەت ئېلېكتىر تورى» APPسىنى چۈشۈرۈپ تىزىملىتىپ، ئۆيىدىن چىقمايلا توك سېتىۋالسا بولىدىغان بولدى.

  پار بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، ۋىلايەت بويىچە 19 پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى، 596 ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى نورمال خىزمەت قىلىپ، پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 38 مىليون 30 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا، كۈنلۈك قالانغان كۆمۈر 2646 توننىغا، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كۆمۈر زاپىسى 190 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئاممىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە پار بىلەن تەمىنلەش يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ قىشنى ئىللىق، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  گاز بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، ۋىلايەت بويىچە 13 تەبىئىي گاز بۆلۈپ يەتكۈزۈش پونكىتىدا مۇقىم مەشغۇلات قىلىنىپ، كۈنىگە 1 مىليون 390 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى. ۋىلايەت بويىچە تەبىئىي گاز قاچىلاش پونكىتىدىن 54ى نورمال خىزمەت قىلىپ، كۈندىلىك گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 796 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى؛ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاچىلاش پونكىتىدىن 14ى نورمال خىزمەت قىلىپ، كۈندىلىك سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 523 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى؛ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز زاپاس ساقلاش پونكىتى 14كە، زاپاس ساقلاش مىقدارى 463.8 توننىغا يېتىپ، ئاھالىلەرنىڭ گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تامامەن كاپالەتلىك قىلدى. گاز ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىلغۇ گاز ئەسلىھەلىرى ۋە يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى يۈز بەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ماي بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، تەييار ماي زاپىسى يېتەرلىك بولدى، نۆۋەتتە، جۇڭگو نېفىت زاپاس ساقلاش ئامبىرىنىڭ تەييار ماي زاپىسى 28 مىڭ توننا بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە 114 ماي قاچىلاش پونكىتى نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، تەييار ماي زاپىسى %50كە يېتىدۇ؛ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى زاپاس ساقلاش ئامبىرىنىڭ تەييار ماي زاپىسى 4000 توننا بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە يەتتە ماي قاچىلاش پونكىتى نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، تەييار ماي زاپىسى %70كە يېتىدۇ، نۆۋەتتە پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ماي ئىشلىتىشىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى