تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر قىيىنچىلىقى بار ئامما ئائىلىلىرىگە قەرەللىك ھالدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭ سوۋغىسى ۋە «قەلبلەرنى ئىللىتىش كۆمۈرى» تارقاتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۇەن، ۋاڭ جۇۋ، سۇبات ئەسقەر فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 8-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم مۇخبىرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى قانداق ياخشى ئىشلىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئەسەت ئۇرايىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتى تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىش، شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاپ ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى. ۋىلايەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، مېيىپلەر، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، تەپسىلىي ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزدى. «جىددىي ئەھۋالدىكىلەر، قىيىنچىلىقتا قالغانلار»نى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەبلىغى ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئامما ئائىلىلىرىگە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭ سوۋغىسىنى ۋاقتىدا، ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، ھەر بىر سوۋغا بىر كىلوگىرام قوي گۆشى، ئالتە كىلوگىرام كۆكتات، بىر بەنزە تۇخۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا «قەلبلەرنى ئىللىتىش كۆمۈرى» تارقىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى