تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە ئىككى ئايلىق تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقاتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، سۇبات ئەسقەر فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 8-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

   ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم مۇخبىرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى قانداق ياخشى ئىشلىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئەسەت ئۇرايىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياردەم بېرىش-يۆلەش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇلدى. تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە ئىككى ئايلىق تۆۋەن كاپالەت پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىلدى، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تولۇق تارقىتىلىپ بولىدۇ؛ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان ئوبيېكىت قاتارلىقلارغا مەبلەغ ياردىمى بېرىشنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت بېكىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ئاۋۋال قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويدى؛ ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار ۋە ھەرىكىتى قولايسىز مېيىپلەرگە قارىتا، كەنت(مەھەللە) كادىرلىرىنى «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش-يۆلەشكە تەشكىللەپ، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، نەرسە-كېرەكلەرنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ئەخلەتلىرىنى توشۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدىغان، تۇرمۇش مەنبەسى يوق شەھەر-بازار نوپۇسىدىكى ئائىلىلەر ۋاقتىنچە تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھەر بىر كىشىگە ئايدا 450 يۈەن ئۆلچەم بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئېلىپ بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 古丽波斯坦·吾拉木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل