تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئىككى (ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىغا ئايلانغانلار)؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 116 بولۇپ، ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلاردىن كۆرۈلگەن، ھەممىسى كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى بىلەن باغلىنىشلىق.
11-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 64 (ئېغىر ئاغرىق مىسالى سەككىز)، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاغرىق مىسالى؛ ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 345 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدە 330ى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 15ى بار.