تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلايلى

− پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش باسقۇچى بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇھىتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى بىر قاتار يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىش، مەۋقە ھازىرغا قويۇلۇپ، كەلگۈسى كۆزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك پىلان. بىز يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە دەل جايىدا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى دۆلىتىمىز تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلىگەنلىك، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتىكى ھەل قىلغۇچ قەدەم بولۇپ، چوڭقۇر ئەمەلىيەت ئاساسىغا ئىگە. ئىلگىرى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بازار ۋە بايلىقتىن ئىبارەت «ئىككى باش سىرتتا بولۇش» دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى تېز ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ھازىر، يەر شارىۋى بازار تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بىز جەزمەن دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز نۇرغۇن تاشقى خەۋپ - خەتەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدۇق، ئەڭ ئاخىرىدا خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇشتا، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىياتتا مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇشقا تاياندۇق. دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس بار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ دوللاردىن ئاشتى، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىستېمال بازىرى بولۇپ، غايەت زور ئېشىش بوشلۇقىغا ئىگە. 2008 - يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشقا قاراپ ئۆزگەردى. كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىز ئىچكى بازىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىدۇ. ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللانساقلا، بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكى يارىتىشقا تامامەن شارائىتىمىز بار.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ھەرگىزمۇ بېكىنمە دۆلەت ئىچى ئايلىنىشى بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش.» دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنى سىجىل ئۆسىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنى تەمىنلەيدىغان بازار پۇرسىتى تېخىمۇ كېڭىيىپ، خەلقئارا تاۋار ۋە مۇھىم ئامىللار بايلىقىنى جەلپ قىلىدىغان غايەت زور تارتىش كۈچى مەيدانىغا ئايلىنىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا، دەل ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش بىلەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي تونۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش كېرەك. يەنە شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار ئاساسىدىكى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا كىچىك ئايلىنىشى ئەمەس، ھەرقايسى جايلار ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ۋە دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشتىكى ئورنى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى توغرا تېپىشى كېرەك، شارائىتى بار رايونلار پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە باشلامچىلىق بىلەن ئىزدىنىپ، يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرسا بولىدۇ.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ھەم ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، ھەم خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئىگىلەش كېرەك. مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز يېتىشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجنى يېتەكلەش ۋە يارىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېزلىتىپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، كەسىپ ئاساسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىشىشى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، بىخەتەر تەرەققىياتنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات، ئۆزگىرىش مەۋجۇت. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىرىس ئىچىدىن پۇرسەت ئىزدەپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىسەكلا، بىز جەزمەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا ئىشنى ياخشى باشلىيالايمىز، قەدەمنى ياخشى ئالالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى