تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېلېكتىر تورىدا سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ %30كە يېقىنى يېڭى ئېنېرگىيەدىن كەلگەن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. 2016 - يىلى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى 73 مىليارد 493 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %17.03 بولدى؛ 2019 - يىلى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى 120 مىليارد 906 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %29.10كە ئۆرلىدى. بۇ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا سېتىلغان ھەر ئۈچ كىلوۋات سائەت توك مىقدارى ئىچىدە بىر كىلوۋات سائەتكە يېقىنىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمى 2016 - يىلىدىكى 26 مىليون 681 مىڭ كىلوۋاتتىن بۇ يىل 9 - ئايدىكى 30 مىليون 330 مىڭ كىلوۋاتقا ئۆرلەپ، %13.92 ئاشقان. 9 - ئايغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمىنىڭ %31.52ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

شىنجاڭنىڭ ئۆز جايىدا ئىشلىتىلگەن يېڭى ئېنېرگىيە كۆلىمى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان تۆت ھالقا تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت يول»ىنىڭ قۇرۇپ چىقىلغانلىقىدا. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، جەمئىي 94 مىليارد 200 مىليون يۈەن سېلىنما تاماملاندى، بۇ «11 - بەش يىل» ۋە «12 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ 1.3 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، 180 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق جەمئىيەت سېلىنمىسىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ GDPسىنىڭ يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.2لىك سۈرئەتتە ئېشىشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.

شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر تورىنى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇش ئاساسىدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى قاپلىدى، نۇقتىلىق شەھەرلەردە 220 كىلوۋولتلۇق ئايلانما تور قۇرۇلمىسى شەكىللەندى، بارلىق سانائەت باغچە رايونلىرىنى 110 كىلوۋولتلۇق ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلەش ئىشقا ئاشتى. يولنىڭ قۇرۇلۇشى يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: يول قۇرۇشتىن باشقا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى يەنە مەۋقەنى شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىدا ئىشلىتىش بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلەتتى.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك تارقىتىش مىقدارى 60 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈلۈپ، 2019 - يىلىدىكىدىن تەخمىنەن 6 مىليارد كىلوۋات سائەت كۆپەيتىلىدىكەن. مۇشۇ بويىچە مۆلچەرى ھېسابلىغاندا، پۈتۈن بىر يىلدا 24 مىليون 240 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، 63 مىليون 500 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ