تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ كۆكتات «بولىقى» قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «بۇ يېزىمىز تارقاتقان ھەقسىز كۆكتات، گۆش ۋە تۇخۇم، سىز بۇ يەرگە ئىمزا قويۇڭ.» ھەر كۈنى ئەتىگەندە، پىدائىي مەمەتئېلى ھوشۇر بىر تەرەپتىن ئىشىك چەككەچ، بىر تەرەپتىن ئاھالىلەرنى كۆكتات ئېلىشقا چاقىرىدۇ.

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، كوناشەھەر ناھىيەسى دەرھال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ماددىي ئەشيا كاپالىتى ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى كۈچەيتتى، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدا كۆكتات بېسىلغان چوڭ ـ كىچىك ئاپتوموبىللار ئارقا ـ ئارقىدىن ھەرقايسى كەنتلەرگە توشۇلدى، ھەرقايسى كەنتلەردىن كەلگەن پىدائىيلار خالتىغا قاچىلاش، ئېغىرلىق ئۆلچەش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش، كۆكتات توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئاممىنى كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش-يۆلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە، كوناشەھەر ناھىيەسى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، قېتىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆكتات بولىقى تارقىتىشنى باشلىدى. ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمىدى. بۇلاقسۇ يېزىسى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆكتات «بولىقى» تارقىتىپ بەردى ھەم بىر تۇتاش تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردى.

  «بىز بۈگۈن يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەقسىز تەمىنلىگەن كۆكتات بولىقىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئىچىدە ھەر خىل كۆكتات، گۆش ۋە تۇخۇم بار ئىكەن، بىز ئۆيدە تۇرغان مەزگىلدە، كۆكتات مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق» دېدى بۇلاقسۇ يېزىسى ئۇرۇنباستى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەيرىنىگۈل تۇردى.

  «مەن 9 ـ كەنتتىن كەلگەن پىدائىي، ئەتىگەن سائەت 7دىن باشلاپ كەچكىچە، بۇ يەردە مەخسۇس كۆكتات بولىقى قاچىلاپ، ئاندىن ھەرقايسى كەنتلەرگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل.» ئابدۇكېرەم مەمەت ئۆستەڭبويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، يۇقۇم باشلىنىش بىلەنلا ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنتتىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.

  ھازىر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېزا ـ بازار، كەنت، مەھەللىلەرنىڭ ھەممىسى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆكتات بولىقى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى باشلاپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش، ۋاقىتلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنى ئورنىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش-يۆلەشنى كۈچەيتتى. پارتىيەلىك كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تۈرلۈك تۇرمۇش ئەشيالىرىنى كەنت ئاھالىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

  «بىز يېزا بويىچە كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، كۆكتات، گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم قاتارلىق تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاممىغا بولاق تارقىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى كوناشەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى چېن جېنشياڭ.

  (ماقالىنى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاۋ نەن تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى