تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل، يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغان ئالاھىدە ئاممىغا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جۇ، سۇبات ئەسقەر فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 7-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم قەشقەر يېزا ـ بازارلىق دوختۇرخانىلار، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل، يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغان ئالاھىدە ئاممىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى ياخشى ئىشلەندى. كەنت داۋالاش ئۆيلىرى (مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتلىرى)غا زۆرۈر بولغان يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دورىلىرى سەپلىنىپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار دورا بىلەن تەمىنلەندى. ئائىلىلەرگە كىرىپ ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى ئاغرىقلىرى ھەر كۈنى دورا ۋە ئوزۇقلۇق تامىقى بىلەن تەمىنلىنىپ، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى