تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئۈچ (بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىغا ئايلانغانلار)؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ئالتە. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئالتە يۇقۇملانغۇچىنى كوناشەھەر ناھىيەسى مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان خادىملارغا قارىتا ئېلىپ بارغان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشتە بايقىغان.
11-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 57 (ئېغىر ئاغرىق مىسالى توققۇز)، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئاغرىق مىسالى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 223 بولۇپ، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدىن.