تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىلەن باغلىنىشلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان زاۋۇتنىڭ كونكېرت ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 4-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

    ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم مۇنۇلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى 3-كەنتىدىكى بىر زاۋۇت بىلەن بولغان باغلىنىشلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە بۇ زاۋۇتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

  كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى 3-كەنتىدىكى بۇ زاۋۇتنىڭ كۆلىمى 20 مو بولۇپ، ئاساسلىقى راھەت كىيىم، تەنتەربىيە كىيىمى قاتارلىقلار تىكىلىدۇ، 2020-يىلى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 200 مىڭ يۈرۈشكە يەتكەن.

  زەمىن يېزىسى 3-كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، تەبىئىي شارائىت ناچار. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار 3-كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شەخسلەر ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىشىنى قوللاپ، بۇ كىيىم-كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتىنى قۇرغان ھەمدە قىسمەن تىككۈچىلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ياردەم بېرىپ سەپلەپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىپ، شىركەتنىڭ ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىشىغا ئىلھام بەرگەن. بۇ زاۋۇتنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاساسلىقى زەمىن يېزىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئوغۇساق بازىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردىن كەلگەن. زاۋۇت قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھەم كىرىمىنى ئاشۇرغان، ھەم ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالغان، خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 1500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولۇپ، ئائىلە شارائىتى روشەن دەرىجىدە ياخشىلانغان. ئىلگىرى، شۇ جايدىكى كۆپ قىسىم ئاياللار ئۇزاق مۇددەت ئۆيىدە دېھقانچىلىق قىلىپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغاچقا، مۇقىم كىرىمى يوق ئىدى. زاۋۇتقا خىزمەتكە كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، مۇقىم كىرىم مەنبەسىگە ئىگە بولغان. بەزى ئەر-خوتۇنلار ئوخشاش بىر زاۋۇتتا ئىشلەپ، يىللىق كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى