تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى: داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرى تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 15تە، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپ يېتىلدۈرۈش باغچىسى، شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش ئەمما تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئىشچىلار جىددىي ھالدا ماسكا ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى.

شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ داۋالاش ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچىلار ماسكا پىششىقلاش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.

  داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئېرىتىپ پۈركۈلگەن رەخت ماسكا ئىشلەش ماشىنىسىنىڭ ماتېرىيال جازىسىغا ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، ماشىناىدا كېسىش ۋە پىششىقلاش ئارقىلىق، ماسكىغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن قۇلاقلىق چاپلاش ماشىنىسى ئارقىلىق ماسكا تاسمىسى ياخشى چاپلانغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق ماسكا شەكلىگە كېلىدۇ، شۇنداق قىلىپ، ئون مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا بىر سېۋەت ماسكىنى پىششىقلاش تاماملىنىدۇ.

  «يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىمىزدىكى 158 ئىشچى ھەر كۈنى ئون نەچچە سائەت خىزمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشتى» دېدى شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى خەن چۈنخۇا.

  شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 3-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشنى رەسمىي باشلىغان، نۆۋەتتە 100 مىڭ دەرىجىلىك پاكىزلاش ئىشلەپچىقىرىش سېخى، ئۈچ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار بولۇپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 200 مىڭ دانىگە يېتىدۇ، ۋىرۇس ئەۋرىشكىسى يىغىش پىروبىركىسىدىن ئىبارەت پۈتۈن يۈرۈشلۈك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار بولۇپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 120 مىڭ دانە، مۇداپىئە كىيىمىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 5000 دانە، مۇداپىئە ئاياغ قاپلىمىسىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 40 مىڭ جۈپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دوپپىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 20 مىڭ دانىگە يېتىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك ماددىي ئەشيالار قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ داۋالاش ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچىلار ماسكا پىششىقلاش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.

  كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر كۈنى زاۋۇت رايونىنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ، خىزمەتچى خادىملار 100 مىڭ دەرىجىلىك پاكىزلاش ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، دوپپا كىيىپ، ماسكا، ئاياغ قاپلىمىسى تاقاپ، مۇداپىئە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، قولىنى ۋە پۈتۈن بەدىنىنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن مەشغۇلاتنى باشلايدۇ.

  «شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق. ئەڭ دەسلەپتە كۈنىگە 50 مىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىشتىن، ھازىر كۈنىگە 200 مىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۈنۈم ۋە كۆلەمنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن ۋىلايەتنى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى لېي مېڭشيا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى