تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

11-ئاينڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، قەشقەر ۋىلايىتى بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى 3-قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈشنى باشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ، سۇبات ئەسقەر خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 7-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىجياڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: قەشقەر ۋىلايىتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋە 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملىدى، بۇ مەزگىلدە يەنە مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلگەنلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىلغاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان. پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، قەشقەر ۋىلايىتى بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى 3-قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى