تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلايلى

− پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى دەل يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈشتۇر. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات − خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ناھايىتى ياخشى قاندۇرالايدىغان تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانغان، ماس بولۇش ئىچكى ئالاھىدىلىككە ئايلانغان، يېشىل بولۇش ئومۇميۈزلۈك ھالەتكە ئايلانغان، ئوچۇق بولۇش مۇقەررەر يولغا ئايلانغان، ھەمبەھرە بولۇش تۈپ مەقسەتكە ئايلانغان تەرەققىيات. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىش كېرەك، بۇ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، تەرەققىيات مۇھىتى، تەرەققىيات شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىلمىي ھۆكۈم.

دۆلىتىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات يەنىلا پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. جەزمەن تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى تەرەققىياتتا جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، ئۇ جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولۇشى كېرەك. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى روشەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىشقا، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم تاشلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، بىر قاتار يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتا كۆپ تەرەپتىكى ئەۋزەللىك ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، تەرەققىيات داۋامىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تەرەققىيات سۈپىتىدە مەركەزلىك گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. بۇ، بىزدىن جەزمەن تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى مەسىلىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلەشتى. تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن ھۇجۇم ۋە خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا. ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان تەرەققىيات، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ <بولۇش - بولماسلىق>تىن <ياخشى بولۇش - بولماسلىق>قا ئۆزگىرىشىدۇر.» ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر توغرىسىدا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى، دۆلەت ئىچى بازىرى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رايون تەرەققىياتىدىن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، يېشىل تەرەققىيات، سىرتقا ئېچىۋېتىش، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، بىخەتەر تەرەققىيات، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگىچە بولغان پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغاندا، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلغىلى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ تەلىپى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يۆنىلىش. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلەرگە سىڭدۈرۈپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرساق، بىز چوقۇم ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى