شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ۋەندا مەيدانى سۇنىڭ يىگۇۋ دۇكىنىدا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالماقتا ئىدى. «بىز توردا ۋە تور سىرتىدا <قوش 11>سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قوزغاتتۇق، بۈگۈن خېرىدارلار ئېقىمى ئادەتتىكىدىن %30 ئەتراپىدا كۆپەيدى، توڭلاتقۇ، بىڭگۈي ھەمدە ئۆيگە قاراپ بۇيرۇتۇلغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات بولۇپ قالدى» دېدى بۇ دۇكاننىڭ دۇكان باشلىقى جاڭ رۇي.
بۇ يىل، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، سودا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاتارلىق بىر قاتار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، يېمەك - ئىچمەك، سودا ساراي قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەردى، ھەرقايسى جايلار ئارقا - ئارقىدىن ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستېمالنى تولۇقلاش ۋە يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا تارماقلىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە نۇقتىلىق ئوبوروت كارخانىلىرى، نۇقتىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى، نۇقتىلىق سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، پىلانلىق ھالدا رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ، ۋاقىتقا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات تۈرى، پۈتۈن يول، خاس باش تېمىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەسىپ ۋە ئىستېمال بويىچە «قوش دەرىجە ئۆستۈرۈش»كە تۈرتكە بولدى.
پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەنە «100 كۈندە 1000 كارخانا شىنجاڭغا مەركەزلىك مەنپەئەت يەتكۈزۈش» ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، بۇ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل، تەييار ياغ، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، كەسىپلەر بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، شەھەر، يېزىلار بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇش شەكلى ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە جانلىنىشىغا كۈچ قوشتى.
شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بازار ۋە سۈپەتلىك ماركا باش نازارەتچىسى فۇ يەنلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى «100 كۈندە 1000 كارخانا شىنجاڭغا مەركەزلىك مەنپەئەت يەتكۈزۈش» ئىستېمال پەسلى ۋە شىنجاڭدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تاللا بازارلىرى مىليون يۈەنلىك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال تولۇقلىمىسى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى جەمئىي 40 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 120 مىڭ ئىستېمالچى زاكاز قىلىپ مال سېتىۋالدى، بۇنىڭ 10 - ئايدىكى ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش رولى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولدى.
پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بىردەك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يادرو قىلىپ، خېرىدار توپلاپ قىزغىن كەيپىيات پەيدا قىلىپ، خەلققە قولايلىق، خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بولۇش باش تېما قىلىنغان بىر قاتار ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئەۋزەل، خاس مەھسۇلاتلار بۇلۇت كۆرگەزمىسى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بايرىمى پائالىيىتىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ماس قەدەمدە 341 مەيدان قېتىم كەڭ كۆلەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، كۆرۈلۈشى جەمئىي 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 18 مىليون 954 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جاڭ شونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: ئەمدى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا تارماقلىرى ئاپتوموبىل، تەييار ماي، يەرلىك سۈپەتلىك ماركىلىق تاۋارلارغا سىجىل كۈچەپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، زاپاس مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىش مىقدارىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەپ، ئىستېمال ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتىدىكەن.