تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كارخانىلار نورمال ئىشلەپچىقارماقتا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرى راۋان بولماقتا

قەشقەر ۋىلايىتىدە:

كارخانىلار نورمال ئىشلەپچىقارماقتا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرى راۋان بولماقتا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

«بۇ، بىز بۈگۈن قاچىلىغان بەشىنچى ئاپتوموبىل ئۇن، چوڭ بىر تاللا بازارغا يەتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتىمىز» دېدى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ قەشقەر باھارى ئاشلىق - ياغ چەكلىك شىركىتىدە خىزمەتچى خادىم قۇربانجان يۈسۈپ ئالدىراش مال قاچىلىغاچ.

كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى دەرھال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش تۈرلىرى، كۆكتات قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ۋە توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىقلارغا مەسئۇل قىلىپ، ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشى ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئالاھىدە 1 - دەرىجىلىك ئۇن، ئالاھىدە 2 - دەرىجىلىك ئۇن، نان ياقىدىغان ئۇن... شىنجاڭ قەشقەر باھارى ئاشلىق - ياغ چەكلىك شىركىتىنىڭ تەييار مەھسۇلاتلار ئامبىرىدا مۇخبىر خالتا - خالتا ئۇنلارنىڭ رەتلىك قويۇلۇپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. خىزمەتچى خادىم مەمتىمىن ھۆرمەت يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ئۇنلارنى ئامبار سىرتىدىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يېنىغا ئارقا - ئارقىدىن توشۇۋاتاتتى.

شىنجاڭ قەشقەر باھارى ئاشلىق - ياغ چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ جىنيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت كۈنىگە 400 توننا بۇغداينى بىر تەرەپ قىلالايدىغان پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە ئىگە ئىكەن. نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ 146 خىزمەتچى خادىمى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈنىگە 250 توننا ئۇن ئىشلەپچىقىرىۋېتىپتۇ. «ھازىر كۈندىلىك ئۇن چىقىرىش مىقدارى 150 توننىدىن 200 توننىغىچە بولۇۋاتىدۇ، ئاساسلىقى قەشقەر شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى، تاللا بازارلارنى مال بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز».

ئۇندىن باشقا، بۇ شىركەت يەنە كەسمە چۆپ، نان قاتارلىقلارنى پىششىقلايدۇ، ئىشلەپچىقىرىدۇ. «بىز بۇ بىرنەچچە كۈندە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ھەر كۈنى 5000 نان ياقتۇق.» نان يېقىش سېخىنىڭ مەسئۇلى مېھرىنسا سەمەت مۇنداق دېدى: بۇ نانلار قەشقەر شەھىرىدىكى ھەرقايسى تاللا بازارلار، مەھەللىلەردىكى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش نۇقتىلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاندىن ئاھالىلەرگە سېتىلىدۇ.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىدە جەمئىي 131 ئۇن پىششىقلاش كارخانىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 125ى نورمال ئىشلەپچىقىرىۋېتىپتۇ، كۈندىلىك بۇغداي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 5827 توننا ئىكەن؛ يېمەكلىك ياغ پىششىقلاش كارخانىسىدىن 12 سى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇزى نورمال ئىشلەپچىقىرىۋېتىپتۇ، كۈنىگە 187 توننا ياغلىق دان بىر تەرەپ قىلىدىكەن. قەشقەر ۋىلايىتى گۈرۈچ ۋە يېمەكلىك ياغنى ئاساسلىقى سىرتتىن يۆتكەشكە تايىنىدۇ، نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ماددىي ئەشيا توشۇش يوللىرى راۋان، گۈرۈچ ۋە يېمەكلىك ياغنىڭ ئامبار زاپىسى تولۇق بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

«يۇقۇم مەزگىلىدە، ئالاقىدار تارماقلار نۇرغۇن ياردەم بەردى، بىر تەرەپتىن بىزگە ياردەم بېرىپ خام ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەردى، يەنە بىر تەرەپتىن بىزگە ياردەم بېرىپ توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى. نۆۋەتتە، كارخانىمىز نورمال ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرى راۋان.» يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان قەشقەر تىيانشان ئۇن چەكلىك شىركىتىدە، باش دىرېكتور ياڭ جىلىننىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇ شىركەت ئىككى ئاپتوموبىل ئۇننى يولغا سالغان بولۇپ، جەمئىي 60 توننا ئىكەن، بىر ئاپتوموبىل قاغىلىق ناھىيەسىگە توشۇيدىكەن، يەنە بىر ئاپتوموبىل پوسكام ناھىيەسىگە توشۇيدىكەن.

ياڭ جىلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ كۈندىلىك بۇغداي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 600 توننا بولۇپ، كۈنىگە 460 توننا ئەتراپىدا ئۇن ئىشلەپچىقىرىدىكەن، ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنى مال بىلەن تەمىنلەيدىكەن. نۆۋەتتە ئامباردا 2200 توننا ئۇن بار بولۇپ، بازار تەمىناتىنى قاندۇرالايدىكەن.

«زاۋۇت رايونىمىز يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى، تەقسىملەپ يەتكۈزىدىغان ئاپتوموبىللارنى پات - پات دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى، خىزمەتچى خادىملاردىن ماسكا تاقاش قاتارلىق تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى» دېدى ياڭ جىلىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ