تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى يىلسېرى ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىستېمال ئېھتىياجى سىجىل ئېشىش، ئىستېمال قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى تېزلىشىش، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش رولى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىشتەك مۇھىم باسقۇچقا كىرىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن يىلسېرى ئېشىش، قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈش، ئىستېمال ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 305 مىليارد 520 مىليون يۈەن بولغان، 2017 - يىلى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 324 مىليارد 980 مىليون يۈەن بولغان، 2018 - يىلى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 342 مىليارد 910 مىليون يۈەن بولغان، 2019 - يىلى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 361 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولغان.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلەر ئىستېمالىدا مىقدارنى قاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن سۈپەتنى ئاشۇرۇشنى قوغلىشىشقا يۈزلىنىش، شەكىللىك ماددىي مەھسۇلاتلاردىن تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت ئىستېمالىغا يۈزلىنىش قاتارلىق بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر نامايان بولدى. ئىستېمالنىڭ تەمىنات تەرەپلىك بازار سۇبيېكتى ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدەك چوڭ يۈزلىنىشىگە پائال ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، تەمىناتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى قوزغىتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق سودا، توردا مال سېتىۋېلىش تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، يېڭىچە ئىستېمال ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، ئادەمسىز پارچە سېتىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ پارچە سېتىش قاتارلىق ئىستېمال يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى شەكلى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئىستېمال بازىرىدا يېڭى ئەندىزە، يېڭى قىزىق نۇقتا بارلىققا كەلدى. بۇلتۇر، شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ توردا سېتىش پارچە سوممىسى 37 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بۇ يىل، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، سودا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاتارلىق بىر قاتار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، يېمەك - ئىچمەك، سودا ساراي قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىي قىلىشىنى قوللىدى، ھەرقايسى جايلار ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇپ، ئىستېمالنى تولۇقلاش ۋە يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈردى. يېقىندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلغان «100 كۈندە 1000 كارخانا شىنجاڭغا مەركەزلىك مەنپەئەت يەتكۈزۈش» ئىستېمال پەسلى پائالىيىتىدە، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، ساقلانما مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، مىقدارنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆزدە تۇتۇلدى، بۇ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل، تەييار ماي، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چېتىلىپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ