تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «13 -بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى تولۇق قاپلىغان، ئاھالىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى، ئېلېكتىرونلۇق كېسەل تارىخى، پۈتۈن خادىملارنىڭ نوپۇسىنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان داۋالاش - سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئاساسىي داۋالاش ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئۇچۇرى سۇپىسىنى قۇرۇپ، يۇقىرىدا دۆلەت ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئۇچۇرى سۇپىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش، تۆۋەندە شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك نوپۇس ساغلاملىق ئۇچۇر سۇپىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ھەمدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سۇپىلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 245 داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دوختۇرخانا ئۇچۇر سىستېمىسى، ئېلېكتىرونلۇق كېسەل تارىخى ۋە كىلىنىكىلىق تەجرىبە قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۇلاش ۋە 1451 ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتىنىڭ ئۇچۇرىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يۆتكەش تاماملاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش - باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قاتارلىق سەككىز سەھىيە - ساغلاملىق كەسىپ ئۇچۇرى سىستېمىسى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئۇچۇر سۇپىسىغا ئۇلىنىپ، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىچە داۋالاش، ساغلاملىق مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۇچۇر مۇلازىمىتى بۇلۇت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، «ئالاقە تورى+ داۋالاش، ساغلاملىق» مۇلازىمەت ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «نوپۇسنى تولۇق قاپلىغان، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە ئىگە، تولۇق خىزمەت تەرتىپى بولغان» داۋالاش، ساغلاملىق بويىچە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرتۇتاش ئالدىن كېلىشىپ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش بويىچە خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتى ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالىغا ئۇلىنىپ، خەلققە قولايلىق كۆزنەك تور ۋە «ساغلام شىنجاڭ APPسى» ئارقىلىق ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىپ ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر بۇ ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالىغا ئۇلانغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 - دەرىجىلىك (2 - دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن يۇقىرى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتى 169غا يەتتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بۇلۇت سۇپىسىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا بىلەن 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىشىش تورىنى بەرپا قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاش بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2019 - يىلى يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىي 73 مىڭ 809 قېتىم يىراق مۇساپىلىك ئادەتتىكى بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش، 8334 قېتىم جىددىي كېسەلگە بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش، 257 مىڭ 198 قېتىم يىراق مۇساپىلىك شىنديەنتۇ ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش، 4344 قېتىم يىراق مۇساپىلىك تەسۋىر سۈرەت ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش، 10 مىڭ 548 قېتىم يىراق مۇساپىلىك پاتولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇشنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى