تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى(ناھىيە بازىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئۈچ يىل يەسلىگە كىرىشى ئۈچۈن يىلىغا ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئوتتۇرىچە 2800 يۈەن خىراجەت كاپالىتى بەردى؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇش پارچە خىراجىتى ۋە دەرسلىك كىتاب خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى. 2019 - يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئوقۇغۇچىلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلمىگەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار، يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولۇپ قۇتقۇزۇلىدىغان - ياردەم بېرىلىدىغان، بېقىلىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت تۆت تۈردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياتاقتا ياتمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا، «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتى، ياتاق ھەققى، ئوقۇش ماتېرىيال ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى ھەم دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى؛ ئالىي مائارىپ باسقۇچىدا، «مۇكاپاتلاش، ياردەم پۇلى بېرىش، قەرز بېرىش، دەرستىن سىرت ئىشلەپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، كەچۈرۈم قىلىش»تىن ئىبارەت كۆپ بىر گەۋدىلەشكەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىستېمىسى ئارقىلىق، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرىشى ھەم ئوقۇشنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ ئاسپىرانتلار مائارىپى باسقۇچىدا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى مۇكاپاتى ھەمدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن قىلدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەبلىغى 2016 - يىلىدىكى 2 مىليارد 790 مىليون يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 7 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە كۆپەيگەن، 2019 - يىلىدىلا نەپكە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى 4 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا «ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىپ، نەچچە ئونمىڭ نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى يورۇتۇپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلاد ئارا داۋاملىشىشىنى ئۈنۈملۈك توستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى