
خەلق تورى خەۋىرى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا قاتناش قولايسىز بولغاچقا، شۇ جايدىكى مەنزىرىسى گۈزەل تىيانشان قۇتۇبى ناھىيەسى بەيلىدەنشيا مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلالمىغانىدى. 2020 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، S101 لىنىيەسىنىڭ چۇرگۇل بازىرىدىن ماناسقىچە بولغان دەريا بۆلىكىدىكى تاشيولنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى، بۇ تۈر لىنىيەسى شىمېن سۇ ئامبىرى كۆۋرۈكىدىن باشلىنىپ، ماناس دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا كۆۋرۈكىدە ئاخىرلىشىدۇ، قۇتۇبى ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تىيانشان بەيلىدەنشيا مەنزىرە رايونى ۋە تىيانشان كاڭجيا شىمىنزى مەنزىرە رايونىدىن ئۆتىدۇ، ھازىر قۇرۇلۇش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، يول يۈرۈش ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن 40 مىنۇت ئەتراپىغا قىسقاردى، كەڭ ھەم تەكشى بولغان ئاسفالت يول شۇ جايدىكى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول» غا ئايلاندى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى







