تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتىگە كىرىپ چىقىشتا قاتناشنىڭ يۈرۈشۈشى نورمال بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاچقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قاتناش - تىرانسپورت كاپالىتىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تىرانسپورت كاپالىتىنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن.

قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتىگە كىرىدىغان - چىقىدىغان خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىقلاردا قاتناشنىڭ يۈرۈشۈشى نورمال بولماقتا، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە قەشقەر، يەكەن ئايرودۇرۇملىرىدا پورتقا كىرگەن - چىققان يولۇچىلار 27 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولدى، جەمئىي 328 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچتى ۋە قوندى؛ قەشقەر ۋوگزالىدا قەشقەرگە كەلگەن پويىز 76، قەشقەردىن ئايرىلغان پويىز 74 بولۇپ، جەمئىي يولۇچى توشۇش مىقدارى 45 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولدى؛ ئاپتوموبىل بىلەن قەشقەرگە كىرگەن - چىققانلار 49 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولدى.

قەشقەر شەھىرىدە ھەرقايسى ناھىيەلەرگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلار نورمال قاتنىدى. 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك يولۇچى توشۇش باش بېكىتىگە قاراشلىق 13 ئاساسىي قاتلام يولۇچى توشۇش بېكىتىدە جەمئىي 3520 ئاپتوموبىل قېتىم نۆۋەتچى ئاپتوبۇس يولغا چىقىپ، يولۇچىلار ئېقىمى 24 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولدى. كوناشەھەر ناھىيەسىدىن باشقا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەر جەمئىي 160 ئاممىۋى ئاپتوبۇس، 535 تاكسى ئاجرىتىپ، شەھەر رايونىنىڭ تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. قەشقەرگە كەلگەن، قەشقەرگە قايتقان، قەشقەردىن ئايرىلغان خادىملارغا قارىتا، قەشقەر شەھىرى پويىزنىڭ ۋوگزالغا يېتىپ كېلىش ۋە ئايروپىلاننىڭ پورتقا كىرىش ۋاقتىغا ئاساسەن، 60 ئاممىۋى ئاپتوبۇس، 70 تاكسىنى ئايرودۇرۇم، ۋوگزال قاتارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدە تىرانسپورت كاپالىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەڭشەپ ئەۋەتتى.

قەشقەر ئايرودۇرۇمى، يەكەن ئايرودۇرۇمى ھەم ھەرقايسى ۋوگزاللار تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىگە 2 - دەرىجىلىك مۇداپىئەنى يولغا قويۇپ، ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى(يۈز توسۇقى)، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق پەلەي، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى سەپلەپ بەردى. ھەر كۈنى ئايرودۇرۇم، ۋوگزالدىكى يولۇچىلار كۈتۈش سورۇنلىرى ھەم پورتقا كىرگەن - چىققان نۆۋەتچى ئايروپىلان، پويىزلاردا دائىملىق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى قانات يايدۇردى. قەشقەرگە كەلگەن، قەشقەرگە قايتقان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ساغلاملىق كودى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللىدى؛ قەشقەردىن ئايرىلىدىغان يولۇچىلار يۇقىرىقى تەلەپلەردىن باشقا، يەتتە كۈن ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققانلىق دوكلاتىنى ئېلىپ، قەشقەردىن نورمال ئايرىلسا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى كوناشەھەر ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدىغان بولغاچقا، كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قىزىلسۇ ئوبلاستىمۇ بىرىنچى ۋاقىتتا بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قىزىلسۇ ئوبلاستى نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا 2 - قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 24 تىن 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سائەت 18گىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى بىلەن قوشنا بولغان قارا كېچىك يېزىسى ۋە پىلال يېزىسىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 15 بولۇپ، ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى