تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كاپالەت تورى توقۇغانسېرى زىچلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى لىن خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۇل قۇرۇلۇشى، فۇنكسىيەنى جارى قىلدۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تورى توقۇغانسېرى زىچلاشتى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي بار بولغان تۈرلۈك ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتى 425، بار بولغان كارىۋات سانى 44 مىڭ 782. بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورنى 265، كارىۋات 24 مىڭ 861.

ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ خىزمەت بىرىكمە كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئون نەچچە ياشانغانلار كۈتۈنۈش سىياسىتى ھۆججىتىنى چىقاردى، بۇ، يۆلەش تۈرى، كاپالەتلەندۈرۈش تۈرى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭچە ئائىلە، مەھەللە، ئاپپارات «ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان» ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. نۆۋەتتە، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدىكى ئائىلە، مەھەللە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال گەۋدە قۇرۇلۇشى قەدىمى تېزلىتىلىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى، مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى، ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتى قاتارلىق مەھەللە مۇلازىمەت بايلىقىغا تايىنىپ كېڭەيتىلگەن «غىزالىنىشقا ياردەم بېرىش، يۇيۇنۇشقا ياردەم بېرىش، تازىلىق قىلىشقا ياردەم بېرىش، ھەرىكەت قىلىشقا ياردەم بېرىش، دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ياردەم بېرىش، جىددىي ئىشلارغا ياردەم بېرىش» قاتارلىق تىزىملىك شەكلىدىكى، بىرىكمە شەكلىدىكى مۇلازىمەت تەمىناتى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇچۇرلاشقان ئالاقە تورى تېخنىكىسى ئائىلە ۋە مەھەللە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدە كەڭ قوللىنىلدى.

ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى. يېزىلاردىكى مەركەزلىك بېقىلىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمى ئېيىغا 700 يۈەن، يېزىلاردىكى تارقاق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمى ئېيىغا 500 يۈەن بولۇپ، 2016 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 180 يۈەن، 157 يۈەن ئۆستۈرۈلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەرلەردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنى بېقىش ئۆلچىمى ئېيىغا 800 يۈەن قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، 2016 - يىلىدىكى مەركەزلىك بېقىش ئۆلچىمى ئېيىغا 660 يۈەن، تارقاق بېقىش ئۆلچىمى ئېيىغا 470 يۈەندىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 140 يۈەن، 330 يۈەن ئۆستۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پەرۋىش قىلىش مەبلىغىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇل مەبلىغىدىن 60 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت ئېھتىياجى بويىچە، ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش، يېرىم ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش، تولۇق پەرۋىش قىلىشنى ئايرىدى، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ياردەم پۇلنى ئايدا 100 يۈەن، ئايدا 300 يۈەن، ئايدا 500 يۈەندىن تۆۋەن قىلماي، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، بولۇپمۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنى پەرۋىش قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تور يېيىپ، ئالا قويماي رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ھەم مەركەزلىك بېقىلىش ئېھتىياجى بار ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئەھۋالىنى بىر - بىرلەپ ئېنىقلاپ، ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، مەركەزلىك بېقىلىش ئېھتىياجىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ناھىيەدە يېزا بەخت چوڭ قورۇسى تۈرى قۇرۇلۇشىدىن 207سى تاماملىنىپ، تەنھا، قارىغۇچىسى يوق، ئۆيدە قالغان، يېشى چوڭىيىپ قالغان قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى