قەشقەر ۋىلايىتىدە:
بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى مال تولۇق، باھا مۇقىم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا
10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سائەت 11دە، قەشقەر شەھىرى خەلق غەربىي يولىغا جايلاشقان يىجيا تاللا بازىرى تىجارەت باشلىدى. كۆلىمى 16 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ چوڭ تاللا بازاردا يېمەكلىك، كۈندىلىك بۇيۇم، كىيىم - كېچەك، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن يېشىل ئۆسۈملۈك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، پىرىكازچىكلار ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيىپ، تەرتىپلىك ھالدا مال رەتلەۋاتاتتى، پۇل ئېلىۋاتاتتى.
تاۋار ئورۇسىدىكى ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقىت، ئوچۇق قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى ساقلاش شارائىتىنىڭ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش... تاللا بازاردا، قەشقەر ۋىلايەتلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۇ خاۋ بىر نەچچە خىزمەتدىشى بىلەن بىللە، تاللا بازارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە مال باھاسى ئەھۋالىنى دائىملىق تەكشۈرۈۋاتاتتى.
«يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىز <ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش>، <ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش> خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مال باھاسىنى تىزگىنلەش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇردۇق» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خوۋ دېشەن.
كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. بىر تەرەپتىن، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، تىل بىرىكتۈرۈپ باھانى ئۆستۈرۈش، مال باھاسىنى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋېلىش، بەلگىلىمە بويىچە باھانى ئېنىق يازماسلىق قاتارلىق باھاغا ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلىدىغان يېمەكلىكلەرگە قارىتا، تۈركۈم قېتىم، ئاپتوموبىل، تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچى خادىم، كارخانا ئەنگە ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ھەرتەرەپلىمە نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بازار تەمىناتى، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ئادىل، ھەققانىي بازار تەرتىپىنى قوغدىدى.
«بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز، بىز تاۋارلارنىڭ سۈپىتىدىن نىسبەتەن خاتىرجەم بولدۇق» دېدى يىجيا تاللا بازىرىنىڭ يېڭى گۆش مەخسۇس پوكىيى ئالدىدا ئاھالىلەر ئۈچۈن تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالغىلى كەلگەن پىدائىي مۇرادىل تۇرسۇن.
بىر ماسكا 0.55 يۈەن، بىر بوتۇلكا ئىسپىرت 3.5 يۈەن... ئارقىدىن، سۇ خاۋ قاتارلىق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى يىجيا تاللا بازىرىنىڭ يېنىدىكى شىنجاڭ پۇجىتاڭ تېببىي دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ 136 - شۆبە دۇكىنىغا كىرىپ، داۋالاش، مۇداپىئە بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنى تەكشۈردى. «بىزنىڭ مۇداپىئە بۇيۇملىرىمىز، دورىلىرىمىزنىڭ باھاسى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، زاپىسىمۇ ناھايىتى تولۇق.» دۇكان باشلىقى ساۋ لىپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ دورىخانا ئاھالىلەرنى دورا يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاھالىلەر زاكاز بەرگەندىن كېيىن، دورىخانا دورىنى ئاھالىلەر تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، پىدائىيلار ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى جيالې تاللا بازىرىدا، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاۋات مەھەللىسى شەرق گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدىكى پىدائىي ۋاڭ شياۋگاڭ ئاھالىلەر ئۈچۈن ۋاكالىتەن نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىۋاتاتتى، «بۈگۈن مەن يەتتە ئائىلىلىك ئاھالىگە كۆكتات ۋە كۈندىلىك بۇيۇم سېتىۋالىمەن، تاللا بازىرىدا مال تولۇق، ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ» دېدى ۋاڭ شياۋگاڭ.
جيالې تاللا بازىرىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ پېڭچېڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە، بۇ تاللا بازار نورمال تىجارەت قىلغان بولۇپ، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كۈنىگە 300 ئەتراپىدىكى زاكازنى قوبۇل قىلغان، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 20 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشقان.
كوناشەھەر ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى فۇجى مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار كۆپ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى، كۆكتات دۇكانلىرى، گۆش دۇكانلىرىنىڭ مال كىرگۈزۈشى ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىشنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «چۈشتىن بۇرۇن مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر زاكاز بويىچە ماللارنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، چۈشتىن كېيىن بىز تاللا بازار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى مال كىرگۈزۈشكە تەشكىللەپ، كىرىش - چىقىش يولىنى ئايرىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى لى فۇجى.
«ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، بىزنىڭ مال كىرگۈزۈش يولىمىز راۋانلاشتى، مال مەنبەيىمىز مۇقىم بولدى، تۈنۈگۈن مەن ئىككى توننا مال كىرگۈزدۈم.» ۋاڭ پېڭچېڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تاللا بازارنىڭ گۈرۈچ، ئۇن، ياغ زاپىسى 3.5 توننا ئىكەن، يەنە بىر يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى بار بولۇپ، 1.5 توننا كۆكتات، مېۋە - چېۋىنى زاپاس ساقلاۋېتىپتۇ، تۈرى مول، سۈپىتى يېڭى ئىكەن.
نۆۋەتتە، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى يەتتە سودا ساراي، تاللا بازار، چوڭ تىپتىكى تۆت كۆكتات سېتىش دۇكىنى، تۆت گۆش دۇكىنى ۋە ھەرقايسى يېزا، بازارلاردىكى 11 ماگىزىن، تاللا بازار نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، مال تولۇق، باھا مۇقىم بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئاساسەن قامدىيالايدۇ.