تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى، كۆڭۈللۈك، بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق»

ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى 

«بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى، كۆڭۈللۈك، بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

10 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

«جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت - خەلق تۇرمۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە غايەت زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ».

«بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى، كۆڭۈللۈك، بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق».

...

قىسقىغىنا تۆت كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت ئەلچىلەر ئۆمىكىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى.

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلىدى ھەم قوللىدى

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بىر مەزگىل، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ھالىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى.

«جۇڭگو شىنجاڭغا ئوخشاشلا، ئىراقمۇ تېررورىزمنىڭ خەۋپىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، بىز بىر قاتار تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، بۇ نەتىجىلەر تېررورىزم، ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى ئۈنۈملۈك يوقىتىپتۇ، بۇ، ئاساسنى پۇختىلايدىغان ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئىكەن.» شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئىراقنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى جانىم ئابدۇلكەرىم جانىم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى، «جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بىز جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتىگە قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز».

ۋەكىللەر ئۆمىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. سۇداننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جافار ئەھمەد مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ ئىدىيەۋى مەنبەسىنى يوقىتىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى ئىكەن».

بەھرەيننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەنۋەر ئابدۇللانىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم كېلىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايمىز ۋە قوللايمىز».

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۇرجى ئەلمادى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئارقىلىق، بىز تېررورىزمنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور بۇزغۇنچىلىقىنى، ھەمدە بۇ جايدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئېلىپ كەلگەن ئېغىر خەۋپىنى چوڭقۇر ئىگىلىدۇق. بىز بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئەيىبلەيمىز، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قانۇن بويىچە قوللانغان كۈچلۈك تەدبىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئالقىشلايمىز، جۇڭگو تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىنى قوللايمىز، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەسەبىزم ئىدىيەسىنى يوقىتىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىشنى خالايمىز».

جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىگە يۈكسەك باھا بەردى

شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئەلچىلەر ئۆمىكى يەنە شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاق مەسچىت، قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى رەستىجامە مەسچىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى، مەسچىتلەردىكى دىنىي خادىملار بىلەن دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

«شىنجاڭدا، مەن ئۇيغۇر ئاممىنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.» پەلەستىننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فارىز مەھداۋى مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئامما ۋە مۇسۇلمانلار توپىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپتۇ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپتۇ ھەم رايونلاردىكى دىن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلەپتۇ. بىز ھەربىر مەسچىتكە زامانىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ سەپلەنگەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتى قوللانغان مىللەت - دىن سىياسىتىنى ئالقىشلايمىز، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ ئېجىللىقى، ئىناقلىقى ھەم جەمئىيەت تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايمىز».

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى

«بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىڭىزغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ ھەر كۈنى قانچە سائەت خىزمەت قىلىسىز؟ مائاشىڭىز قانچە؟» ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، ئەلچىلەر توقۇمىچى ئايال ئىشچى ئوغلەم ھاشىم بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى. ئىلگىرى ئۆيىدە بالا بېقىپلا كەلگەن بۇ ياش ئايال پەخىرلەنگەن ھالدا كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ شىركەتكە كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقانلىقىنى، ھەر كۈنى سەككىز سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئون مىنۇتقا قالمايلا ئۆيىگە كېلىدىغانلىقىنى، ھەر ھەپتىدە يەنە ئىككى كۈن ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر ئۇ ئايدا 3500 يۈەن مائاش ئالىدىكەن، كارخانا ئۇنىڭغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئېلىپ بېرىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئىستاژىنىڭ ئېشىشى، خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مائاشى يەنە ئۆسىدىكەن.

جىبۇتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى خادار روبلار ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇ كارخانا ناھايىتى ياخشى باشقۇرۇلۇپتۇ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ يەردىكى خىزمىتى، تۇرمۇشى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىكەن، ئۆزىنىڭ بارلىق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ئىگە ئىكەن. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن ئۆگىنىپ، ئىزچىل تۈردە پۇقرالارنى ئويلىشىمىز، ھەم ئۇلارغا پائال ياردەم بېرىشىمىز كېرەك».

ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدىكى ئېكسكۇرسىيە يەمەننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى ئەھمەد تۇھەيياغا يەمەننىڭ سانا ۋە ئادېندىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىنى ئەسلەتتى: «مەن يەمەندىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خۇافۇ شىركىتىنىڭ بىزنىڭ فابرىكىلاردا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزنى تەجرىبە بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خۇافۇ شىركىتىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى راھەت، مۇقىم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بوپتۇ، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، تەربىيەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدىكى تەمىناتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن».

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، ئەلچىلەر ئۆمىكى يەنە قەشقەر شەھىرى ئاۋات يېزىسى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە، قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرىنىڭ 14 - كەنتىگە، پەيزاۋات ناھىيەلىك يېزا سۇ بىلەن تەمىنلەش باش پونكىتىغا، ئاقسۇ كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى خاتىرە سارىيىغا باردى ھەم كەنتلەرنى ئارىلاپ ئائىلىلەرگە كىرىش ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت جەريانىدا، كۆپچىلىك جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يۈكسەك قۇۋۋەتلىدى.

پەلەستىننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فارىز مەھداۋى مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىش جەريانىدا، مەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. خەلقنىڭ رازىلىقى ھەممىنىڭ مەركىزى، باشقا نەرسىلەر ئانچە مۇھىم ئەمەس. سىرتتا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا بەزى ئۆسەك سۆزلەر بار، لېكىن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن پۈتۈن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش تۇرمۇشتىن بەھرىلىنەلىشىنى ئۈمىد قىلدىم».

سۇداننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جافار ئەھمەد پەيزاۋات ناھىيەلىك يېزا سۇ بىلەن تەمىنلەش باش پونكىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە، ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، بىزنىڭ ئافرىقا رايونىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىلا يۇقىرى ئەمەس، بىزنىڭ نۇرغۇن ئېھتىياجىمىز شىنجاڭنىڭكىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. پاكىز سۇ مەنبەسىدىن بەھرىمەن بولۇش مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئالىي شەكلى. بۇ نۇقتىدىن بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇ جايدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق ياخشىلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھازىر ياسىلىپ پۈتكەن بۇ سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان دانا سىياسىتى شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلالايدۇ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ».

ئاقسۇ كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئىيوردانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇسام ھۈسەينى جۇڭگونىڭ قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «قۇملىشىش ئوخشاشلا بىز دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلە، ئۇ بىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. ئېنىقكى، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بىز تەقلىد قىلىدىغان ياخشى ئۈلگە ئىكەن، دۆلىتىمىزدە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدىكەن. مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئىنتايىن ئالقىشلايمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان تۈزگەنلىكى ھەم ئۇنى ئىزچىل ئۈنۈملۈك يولغا قويغانلىقىنى ئالقىشلايمەن».

شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ۋە مۇقىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى

ئەلچىلەر ئۆمىكى يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى ئىگەرچى كەنتىدىكى مىللىي ئۆرپ - ئادەت كوچىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى.

بەھرەيننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەنۋەر ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە، مەن شىنجاڭنىڭ تىنچ، بىخەتەر، مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ساياھەتچىلىكنىڭ گۈللەنگەنلىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىسپاتلايدۇ. شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، تېخىمۇ زور گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى