تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مۇزاكىرە قىلىندى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەسىلىسى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىندى ھەم «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىش تەكلىپى بېرىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «تەكلىپ»تىكى مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇش بىلەن يەر شارىۋى نەزەر تاشلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن نىشان يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن قىسقا مۇددەتلىك نىشاننى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش بىلەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي پىكىر يولى، ئاساسلىق نىشانى ھەمدە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئالدىن كۆرەرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئۇللۇق، قاراتمىلىققا باي بولغان مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش، مۇھىم ساھەلەردىكى داۋاملاشما ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاش مۇقەررەر ھالدا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.

«13 - بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان باسقۇچ. چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ ئالغا سىلجىتتى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى زور پەللىگە كۆتۈرۈلدى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەتتە دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى.

ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات، ئۆزگىرىش مەۋجۇت. «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل. پۈتۈن پارتىيە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت بىلەن دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى چوڭقۇر تونۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پايدىلىق تەرەپكە يۈزلىنىپ زىيانلىق تەرەپتىن ساقلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، يەنى 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان كۆزلىنىپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچى - سىرتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ شارائىتى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىغا قارىتا سىستېمىلىق پىلان تۈزۈلدى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىش؛ سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، قۇرۇلمىسى، كۆلىمى، سۈرئىتى، ئۈنۈمى، بىخەتەرلىكىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاشتا، بىز ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولۇپ، تىرىشىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا يېڭى قەدەم تاشلاش، جەمئىيەت مەدەنىيلىكى دەرىجىسىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسلىق نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

«سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شوخ شامالغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت كەبى قانات قېقىپ.» «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، ۋەزىپە مۈشكۈل، ئىستىقبال پارلاق. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە سىياسىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە پۇرسەت ئەۋزەللىكى بار، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يەنىلا نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتلار بار، بىزنىڭ «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا تامامەن ئىشەنچىمىز بار، جاسارىتىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى يارىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى