تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتىدە 46 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، ۋاڭ جۇ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 5-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، قەشقەر يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرلىرىنى پائال قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە، پارتىيەلىك كادىرلارنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى قوشۇنىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە 46 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي تەشكىللىنىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى كاپالىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ـ بازارلارنىڭ كەنتنى بىرلىك قىلىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپ ـ خەتىرى يوق، تېخنىكا بىلىدىغان دېھقان ئىشلەپچىقىرىش ماھىرلىرىنى تاللاپ، ئۈچ ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇش شەكلى بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى گۇرۇپپىسى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى، باغ ـ ئورمان تېخنىكىسى گۇرۇپپىسى قاتارلىق كۆپلىگەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، خاس زىرائەتلەرنىڭ ئېتىز ـ ئېرىق پەرۋىشىنى، خاس باغ ـ ئورمانچىلىقنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىشنى چىڭ تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى