تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەمىمىي مۇلازىمەت ئەل قەلبىنى ئىللىتتى

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا كوچا باشقارمىسى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلار تەۋەلىكىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن كۆكتات سېتىۋالدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۈنشيا): «تاغا، سىزنى يوقلاپ كەلدۇق، سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟» 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ۋېنشىن مەھەللىسى ۋېنشىن ئولتۇراق رايونىدا، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نۇرئامىنەم سۇلتانمامۇت ئىككى مەھەللە كادىرى بىلەن بىللە ئۇن، ياغ، توخۇ گۆشى ۋە بىر خالتا كۆكتاتنى كۆتۈرۈپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالە تۇرسۇن مامۇتنىڭ ئىشىكىنى چەكتى.

  قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۇقۇمنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلدى، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى زىيارەت قىلىش، يوقلاش ۋە غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش-يۆلەشنى كۈچەيتىپ، چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھېس قىلدۇردى.

  تۇرسۇننىڭ خوتۇنى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇزاق يىل دورا يېگەچكە، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، نۇرئامىنەم ھەر كۈنى ئۇلارغا تېلېفون بېرىپ قانداق ياردەم لازىملىقىنى سوراپ تۇردى، يەنە، دائىم گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە كۆكتات قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى.

  «ئۇلار تۇغقىنىمىزغا ئوخشاش، ھەر كۈنى تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سوراپ تۇرىدۇ، ئۆيىمىزنىڭ توڭلاتقۇسىدىكى كۆكتات ۋە گۆشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار ئەكىلىپ بەرگەن. مۇشۇنداق ياخشى مەھەللە كادىرلىرى بولغاچقىلا، قەلبىمىز ئىللىپ كەتتى» دېدى تۇرسۇن.

  نۇرئامىنەمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مەھەللىدە جەمئىي 981 ئائىلىلىك 2782 ئادەم بار ئىكەن. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەھەللە كادىرلىرى ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ زىيارەت قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 35 ئائىلىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈپ چىقتى ۋە ئۇلار ئۈچۈن تەپسىلىي ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزدى. «بىز قېيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە قوي گۆشى تارقىتىپ بەردۇق، يەنە توخۇ گۆشى ۋە كۆكتات بولىقى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى نۇرئامىنەم.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىش، شەھەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش، قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى تورىنى ھەقىقىي تۈردە زىچ توقۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى كادىرلىرى، 2300دىن ئارتۇق كەنت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى ياردەمچىلىرى مەھەللە كادىرلىرى، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە زىيارەت  قىلىش، ھال سوراشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. «بىز ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنىڭ جىددىي ئەھۋالدىكىلەرنى، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەبلىغى ئارقىلىق گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆيىگە ۋاقتىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردۇق» دېدى ۋاڭ جيەنگو.

  «ئۇلار مېنىڭ بالامغا ئوخشايدۇ. ھەر قېتىم ئۇلارغا تېلېفون قىلسام، ئۇلار ھەدە ئالدىرىماڭ، بىز ھەل قىلايلى، دەيدۇ.» 82 ياشلىق ۋاڭ مېييىڭ قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا كوچىسى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسىدە تۇرىدۇ، ئېرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز تۇراتتى. يۇقۇم مەزگىلىدە، مەھەللە كادىرلىرى ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇردى، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كۆكتات، دورا سېتىۋالدى، ئەخلەتلىرىنى تۆكۈپ بەردى، ئىنچىكىلىك بىلەن قىلغان مۇلازىمەت ئۇنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.

  مەدەنىيەت يولى مەھەللىسىدە 2000دىن ئارتۇق ئاھالە بار. بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەھەللە بىرىنچى ۋاقىتتا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ «بىرگە بىر» مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق تەلەپنى قاندۇرۇشقا تىرىشتى. بۇ مەھەللىنىڭ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېرىنئاي پامىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مەھەللە يەنە 300 نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرغان، بۇ ئەترەت داۋالاش كاپالىتى گۇرۇپپىسى، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش گۇرۇپپىسى، خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئامما، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، دورا سېتىۋېلىش، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، سۇ، توك، پار رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىگەن.

  «بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق سىناق.» شېرىنئاي مۇنداق دېدى: مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىپ، مېھىر-مۇھەببىتىمىز، يۈكسەك مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاممىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلىسەكلا، ئەل قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى