تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بىۋاسىتە تەمىنلەش نۇقتىسىدىن 3021نى تەسىس قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، ۋاڭ جۇ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 5-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قاتتىق، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، «كەنت سېتىۋېلىش، يېزا ئارا توشۇش، ناھىيە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنىڭ راۋان، تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەشقەر كۆكلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى، قەشقەر شۇگۇاڭ نۇڭبوچېڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى، يەكەن ناھىيەسى خۇڭيۈەن بازىرى قاتارلىق 1 ـ دەرىجىلىك ئۈچ كۆكتات توپ سېتىش بازىرىنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش سالمىقىنى زورايتىشىنى قوللاپ، ھەرقايسى توپ سېتىش بازارلىرىدىكى سودىگەرلەر، سودا ساراي، شۇنداقلا زاپاس ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنى ئەتراپتىكى ئېتىزلارغا بېرىپ مال مەنبەسى سېتىۋېلىشقا تەشكىللىدى. گۆش مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى كارخانىلىرى بىلەن ئەتراپتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، سويۇش كارخانىلىرىنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كالا، قوي، توخۇ، چوشقىلارنى بېقىش، يىغىپ ساقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن سويۇش مىقدارىنى ۋاقتىدا ئاشۇردى. قاتناش باشقۇرۇش، قاتناش تارماقلىرى بىلەن ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر) لەر ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىل يول خېتى تارقىتىپ، يېشىل يول ئېچىپ، بازار ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ۋىلايەت بويىچە 2841 كەنت (مەھەللە) ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەش نۇقتىسى (بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى)دىن 3021نى تەسىس قىلىپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى