تىيانشان تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدا 5-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى 2-قېتىملىق ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشتە، 14 كىشىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىجياڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇم ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كوناشەھەر ناھىيەسى بارلىق كىشىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى 2-قېتىم ھەقسىز تەكشۈردى. سائەت 19غىچە، 14 كىشىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى، قالغان كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقتى. بۇ قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى مۇسبەت چىققانلار ئىچىدە كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىدا 13 ئادەم، ئوغۇساق بازىرىدا بىر ئادەم بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار بولۇپ، زەمىن يېزىسى 3-كەنتىدىكى زاۋۇت بىلەن چېتىشلىق.
كوناشەھەر ناھىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە تۆت تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىدى
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەھەت ئۇرايىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئاساسلىقى كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنى ئاساس قىلغان يېزا رايونىغا مەركەزلەشكەن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەن رايوننىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە، كوناشەھەر ناھىيەسى تەۋەسدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق قانات يايدۇردى:
بىرىنچى، تېگى-تەكتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، يۇقۇمنى كۆزىتىش-ئۆلچەشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.
ئىككىنچى، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزىتمىسىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى بەرپا قىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.
ئۈچىنچى، مۇھىتنى تۈزەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى زورايتتى.
تۆتىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى.
قەشقەر ۋىلايىتى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىۋاسىتە تەمىنلەش نۇقتىسىدىن 3021نى تەسىس قىلدى
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەسەت ئۇرايىم قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنىڭ راۋانلىقىغا، تەمىناتنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ھازىرغىچە، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 2841 كەنت(مەھەللە)تە ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەش نۇقتىسى(بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى)دىن 3021نى تەسىس قىلىنىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەندى.
قەشقەر ۋىلايىتىدە 46 مىڭ پىدائىي ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەسەت ئۇرايىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى پائال قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كەلتۈرگەن تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. ھازىرغىچە، پۈتۈن ۋىلايەتتە 46 مىڭدىن كۆپرەك پىدائىي ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشكە تەشكللەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا-بازارلار كەنتنى بىرلىك قىلىپ، يۇقۇش خەۋپ-خەتىرى يوق، تېخنىكا بىلىدىغان دېھقان ماھىرلارنى تاللاپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى گۇرۇپپىسى، كېسەللىك ۋە ھاشارەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش گۇرۇپپىسى، باغ-ئورمانچىلىق تېخنىكىسى گۇرۇپپىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بويىچە بىر نەچچە ياردەم بېرىش گۇرۇپپپىسى تەشكىللەپ قۇرۇپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك ئېتىز پەرۋىشى، خاس باغ-ئورمانچىلىق پەرۋىشىنى ئىنچىكە، چىڭ تۇتتى.