تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش

− ھەرقايسى جايلاردىكى لېكسىيە ئۆمەكلىرى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل، كونكرېت، تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇمات، تەسىرلىك، جانلىق مىسال... ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، يېزا - بازار، مەھەللە، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چوڭقۇر ئىلھاملاندى، ئىنتايىن روھلاندى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

قاراماي شەھىرى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيەنى ياخشى سۆزلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنى قۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەشنى پىلانلىق، قەدەم - باسقۇچلۇق قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر، بىرلەشمە ئائىلە باشلىقلىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كوچا - كويلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلىدى.

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى)نىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىدىن ئاساسىي قاتلامدا لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى جۇڭشىڭ يولى كوچا باشقارمىسى بېيپو مەھەللىسىدە لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بېيپو مەھەللىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋەن دېڭيوۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىرلەشمە ئائىلە باشلىقى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن رولۇمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىناق مەھەللە قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن».

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تېزدىن لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى ئورگان، مەھەللە، يېزا، كارخانا، مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

سانجى ئوبلاستلىق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فۇكاڭ شەھىرى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، قۇتۇبى ناھىيەسىگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى ما خۇ مۇنداق دېدى: «مەن باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

قۇتۇبى ناھىيەلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى بېجىرىش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋېي شياۋجۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى لېكسىيە مېنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى، مەن ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، داۋالىنىش كاپالىتى ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشىمەن».

فۇكاڭ شەھىرى سەنگۇڭخې قازاق يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى قالىبىيات قۇۋار مۇنداق دېدى: «مەن 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاقتىدا، دەل جايىدا يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتىشقا يېتەكلەيمەن».

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن ۋىلايەتلىك 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى لوپ ناھىيەسىگە بېرىپ، ئورگان، ئورۇن، زاۋۇت - كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىغا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى شەرھلىدى. لوپ ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئىشچىسى مەمەتئېزىز ئابدۇللا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «لېكسىيەنى ئاڭلاپ ناھايىتى روھلاندىم، ئەتراپىمدىكى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر ۋە بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان تۇرمۇش مېنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇردى، مەن چوقۇم يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن».

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىر گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ جىڭ، لى رۇڭ، يې شياۋدۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى