تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بازار تەمىناتى يېتەرلىك، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى

—— قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بازار تەمىناتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىگەنلىكى توغرىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، قەشقەر كۆكلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا تىجارەتچى كۆكتاتلىرىنى يۆتكىمەكتە.  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لى چۇنشيا): ئەمدىلا تاڭ يورۇشى بىلەن، قەشقەر كۆكلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى قايناپ كەتتى، مال كىرگۈزۈشنى ساقلاۋاتقان ئاپتوموبىللار كىرىش ئېغىزىدا قاتار تىزىلىپ ئۆچرەت تۇرۇپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرگەندىن كېيىن بازارغا كىرىۋاتاتتى.

  كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شۇ جاي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى دەرھال قوزغىتىپ، «كۆك-تاق»، «ئاشلىق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. مۇخبىر قەشقەر شەھىرى، كوناشەھەر ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا زىيارەت جەريانىدا ئىگىلىشىچە، ھەرقايسى توپ تارقىتىش بازارلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سېتىش كارخانىلىرىدا مال، مەھسۇلات مول، باھاسى مۇقىم بولۇپ، بازار تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە بولغان.

  قەشقەر كۆكلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى 1-دەرىجىلىك توپ تارقىتىش بازىرى بولۇپ، ئاساسلىقى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق مەھسۇلاتلار توپ تارقىتىلىدۇ. بۇ بازارنىڭ باش دىرېكتورى مۇختار قادىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بازار تىجارەتچىلەرنى مال تەييارلاشقا پائال تەشكىللەپ، تاۋار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. نۆۋەتتە 400 نەچچە تىجارەتچىنىڭ كۈندىلىك تەمىنات مىقدارى 800 توننىدىن 1000 توننىغىچە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتاتلارنىڭ تۈرى 20 خىلغا يېتىدىكەن.

   «بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى بازارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، تىجارەتچىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئىككى قېتىم ئۆلچىدۇق، بازارغا كىرىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىدا چوقۇم ئالاقىدار نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى بولۇش، ئادەملەر كودنى سېكاننېرلىغاندىن كېيىن كىرىشنى يولغا قويۇپ، بازاردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى مۇختار.

  كۆكتات سودا رايونىدا، توپ تارقىتىش سودىگىرى مەمەترىشات تۇرسۇن ئالدىراش ئىدى، «مەن ھەر كۈنى سىرتقا تەخمىنەن تۆت توننا كۆكتاتنى توپ تارقىتىمەن، باھا ئۆزگىرىشىمۇ چوڭ ئەمەس».

  كوناشەھەر ناھىيە كوئىنلۇن باغچە رايونى تەرەققىيات سېلىنما چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ تىپتىكى كارخانا. مۇخبىر بۇ شىركەتنىڭ تازىلانغان كۆكتات سېخىدا 10 نەچچە ئىشچىنىڭ كۆكتاتلارنى پىششىقلاپ ۋە ئوراپ قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىيۈەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ شىركەتتىكى 147 خادىمنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ماددىي ئەشيا زاپىسى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىگەن.

  ۋاڭ جىيۈەننىڭ دېيىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ پۈتۈن ناھىيەدە 117 سېتىۋېلىش بېكەت-نۇقتىسى، 70 يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى، 10 تازىلانغان كۆكتات سېخى بار بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ھەر كۈنلۈك كۆكتات تەمىنات مىقدارى 16 توننىدىن 20 توننىغىچە بولغان، باھاسىمۇ خېلى مۇقىم بولغان. ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا تەقسىملەپ يەتكۈزگەندىن باشقا، يەنە ئاھالىلەرگە كۆكتات بولىقى تەييارلىغان ھەم ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

  «ھەدە، مەن كۆكتات، ياغنى ئەكەلدىم». 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتە، كوناشەھەر ناھىيەسى لەڭگەر بازىرى بازار كەنتىدە، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى شېرىن تۇرغۇن ئاشلىق، ياغ ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى بېسىلغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى مىنگىنىچە كەنت ئاھالىسى باھارگۈل ھېيىتنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختىدى. ئۇ سول قولىدا بىر تۇڭ ياغنى، ئوڭ قولىدا سۇڭپىياز، تەييار چۆپ ۋە شېكەر قاچىلانغان خالتىنى كۆتۈرگىنىچە تۆمۈر دەرۋازىغا كېلىپ ئۈنلۈك توۋلىدى.

  «لەڭگەر بازىرىدا 11 كەنت بار بولۇپ، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ھەربىر كەنت بەشتىن پىدائىي سەپلەپ، كەنت ئاھالىلىرىغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرنى سېتىۋېلىش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە ياردەم بەردى» دېدى لەڭگەر بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى مېڭ شۇفېڭ مۇخبىرغا، بۇ بازاردىكى ھەربىر كەنتتە بىردىن كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كەنت كادىرلىرى، پىدائىيلار ھەركۈنى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى، سېتىۋېلىش تىزىملىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈش شەكلىنى قوللىنىپ، مەھسۇلاتلارنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

  «ئۇلار ئىنتايىن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلدى». باھارگۈل دەرۋازىنى ئېچىپ، نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۆيىگە ياندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «گەرچە يۇقۇم تۇرمۇشىمىزغا بىر مۇنچە قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كەنت كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئىنچىكە مۇلازىمىتى بىزنىڭ باش قېتىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى. بىز ئاكتىپ ماسلاشساقلا، يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم بالدۇرراق غەلىبە قىلالايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى