ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى
ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەر ئوبوروت كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئاشتى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەر ئوبوروت كۆلىمى 10 مىليون 657 مىڭ 700 موغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون 510 مىڭ مو ئاشقان بولۇپ، ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %36.5ىنى ئىگىلىگەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆسكەن.
مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرەك بولدى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇھىم ئاساس سالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، يەر ئوبوروت قىلىش مۇساپىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيە بويىچە كوللېكتىپ يەر ئوبوروت كۆلىمى 294 مىڭ 400 موغا يەتتى. يەرلەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، تېرىش، يىغىۋېلىش قاتارلىق پۈتۈن مۇساپىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، 8000دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەل قىلىنىپ، 31 مىڭ ئادەمنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى ھەقىقىي ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى زور ھەجىمدە ئۆستى، ئوبوروت قىلىنغان نۇرغۇن تېرىلغۇ يەردىكى پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى ئىلگىرىكى 300 كىلوگىرامغا يەتمەسلىكتىن كۆپىيىپ 400 كىلوگىرامدىن ئاشتى.
يەرنى مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مۇساپىسىدە، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئوبوروت قىلغان ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەر 2 مىليون 526 مىڭ 800 مو بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەر ئوبوروت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %23.7ىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 26 مىڭ 400گە، ئەمەلىي بار بولغان كوپىراتىپ ئەزاسى 456 مىڭغا يېتىپ، ئەزالىرى ھەم تۈرتكە بولغان ئەزا بولمىغانلار سانى ئومۇمىي دېھقان ئائىلىلىرى سانىنىڭ %38.6ىنى ئىگىلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەرنى ئوبوروت قىلىش ئىشەنچلىك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت چۈشۈرگەن يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، 1 مىليون 806 مىڭ 100 ئائىلىلىك دېھقان يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى ئالغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىندى.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەر ئوبوروتى ۋە كۆلەملىك باشقۇرۇش بويىچە باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ ھۆددە يېرىنى ئوبوروت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئوبوروتقا ئالغان تەرەپ يېرى ئوبوروت قىلىنغان دېھقانلارنى ئالدى بىلەن ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.